جۇڭگو رادىئو تورى خەۋىرى: تۈنۈگۈن تىتانىك ناملىق پاراخۇتى قوزغالغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى بۇلۇپ،مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندە‹‹تىتانىك›› فىلىمى 3D ۋە IMAX3D نەشىرى جۇڭگو تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
يېڭىدىن قۇيۇلغان 3D فىلىمىغا يەنىلا 97 –يىلى نەشىرىدىكى ‹‹تىتانىك ›› فىلىمىنىڭ رېژىسورى James Cameron رېژىسورلۇق قىلغان بۇلۇپ،ئەسلىدىكى فىلىمىنى 3D شەكىلدە ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن. ۋەقەلىك ۋە ئارتىسلار ئەسلىدىكى فىلىم بىلەن ئوخشاش.
James Cameron)جېمىس كامېرون ) مۇنداق دېگەن: بىز بۇ فىلىمنىڭ 3D نەشىرىنى ئىشلەشتە سۈپەت جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلدۇق.بۇ فىلىمنى كۆرگىنىڭىزدە ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرىدىن بەھرىلىنىش، ۋەقەلىك ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ كىتەلەيسىز.
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى 1998-يىلى جۇڭگودا قۇيۇلۇپ 3مىليون 600مىڭ يۈەنلىك بېلەت سېتىلىپ چوڭ ئۇتۇق قازانغان. 3D‹‹تىتانىك›› فىلىمى قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن James Cameronجۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ