« مۈشۈكئېيىق پاقلان»

555 2012-04-13 11:53:14   nur.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 
   ئەنگىلىيىنىڭ« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدا يېڭىدىن تۇغۇلغان ئالتە « مۈشۈكئېيىق پاقلان» ناھايىتى ئالاھىدە ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ئۆزگىچە قارا چەمبەر بار ئىكەن، يەنە تېخى بىر جۈپ قارا رەڭلىك قۇلىقى بار بولۇپ، ئېدىنبورگ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىققا بەك ئوخشايدىكەن.
ئەمەلىيەتتە پاقلان بىلەن مۈشۈكئېيىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يىراق ئىدى، بىراق قانداق بولۇپ مۈشۈكئېيىققا مۇنچىۋالا ئوخشاش بولغان« مۈشۈكئېيىق پاقلان» بارلىققا كېلىپ قالىدۇ؟ نوبل ئەنگىلىيىنىڭ بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، مۇخبېرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ئېدىنبورگ ھايۋاناتلار باغچىسىغا سوۋغات قىلغان ئىككى دانە مۈشۈكئېيىق تىيەنتىيەن بىلەن ياڭگۇاڭنى جۈپلەشتۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن « مۈشۈكئېيىق پاقلان» يىتىشتۈرۈپ چىقماقچى بولدۇم.
 
بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى قۇرغان 24 يىل جەريانىدا، نوبل قوي شالغۇتلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش تەجرىبىسى قىلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئاق،قارا ۋە ئالا-چىپار قوينىڭ نەسل قالدۇرۇش قانۇنىيىتىنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلغان. گەرچە جەريانى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ،بىراق نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك چىققان. بۇ يىل« ئالداش بايرىمى» كۈنى تۇنجى« مۈشۈكئېيىق پاقلان» دۇنياغا كەلدى، كەينىگە ئۇلاپلا 5 دانە چىشى « مۈشۈكئېيىق پاقلان» دۇنياغا كۆز ئاچتى.
مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نوبل تېخى قايسى خىل قوي نەسلىدىن پايدىلىنىپ شالغۇتلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى. ھازىر نوبل ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. نوبل بۇ 6 دانە « مۈشۈكئېيىق پاقلان» نىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىمۇ تىيەنتىيەن بىلەن ياڭگۇاڭ دەپ ئاتاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ 6 دانە مۈشۈكئېيىق پاقلاننىڭ ئىككىسى سكوتلاند ۋە ئىسلاندىيىدىن بولۇپ، نوبل بۇ پاقلانلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە بەك تەقەززا بولۇۋېتىپتۇ. ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغان بەزى كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۇلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، نوبل بۇ مۈشۈكئېيىق پاقلانلارنىڭ بازاردا يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. نوبل مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسىدە ئۇلار بەلكىم يېڭى بىر خىل سورت بولۇپ قېلىش مۇمكىن.
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博