ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» گە بېسىلغان بىر پارچە خەۋەردە: «سىز بىر دۆۋە كېرەكسىز تۆمۈر- تەسەكتىن دۇنياغا داڭلىق بېز ماركىلىق بەيگە ئاپتوموبىلى قۇراشتۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ گېرمانىيەلىك 3 ئاپتوموبىل ھەۋەسكارى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن بۇنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېيىلدى.
بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىسمى ئايرىم ھالدا چېشېرسكىي، براك ۋە ۋىللېر ئىكەن. ئۇلار 7 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن بېنز ماركىلىق بەيگە ئاپتوموبىلىنىڭ مۇكەممەل تەقلىدىي مودېلىنى ياساپ چىققان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ماتېرىيالى پەقەت مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەپ يىغىۋالغان بىر توننا ئېغىرلىقتىكى كېرەكسىز تۆمۈر- تەسەك ئىكەن. گەرچە بۇ مودېل پەقەت سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، يولغا ھەيدەپ چىققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بازار باھاسى يەنىلا 60 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن.