ھاياتىنى دوغا تىككەن قوتۇپ ئېيىقى تىك ياردىن ئولجا ئىزلىدى

11 2011-09-19 11:06:24   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا-گېزىتى خەۋېرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىلىق فوتوگراف كۇك يېقىندا روسىيە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى رايونىدا بىر تۈركۈم قۇتۇپ ئېيىقلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي تىك ياردىن يامىشىپ چۈشۈپ ئوزۇق ئىزدىگەن ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرىنى رەسىمگە تارتىۋالغان بولۇپ قۇتۇپ ئېيىقلىرى مەززىلىك دېڭىز قۇشى تۇخۇمىنى يېيىش ئۈچۈن 90 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك ياردىن ئاستا-ئاستا پەسكە چۈشكەن .كۇك:«قۇتۇپ ئېيىقى تۇرىۋالغان تىك يار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ »دېدى.
    قۇتۇپ ئېيىقى قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك چىپار تيۇلىننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ،شۇنداقلا ناھايىتى تۆۋەن تېمپىراتورىلىق سوغۇققىمۇبەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇلار دېڭىز مۇزى تۆپىسىدە ئولجا تۇتىشىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ ماكانلىشىش ئورنى يەرشارىنىڭ تېمپىراتورىسىنڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارماقتا.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博