چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئەڭ باي ئايال كىرسىتيان بېرتارېللى ھەمدە دورا ياساش ساھەسىدىكى ماگنات يولدىشى يېقىندا 100 مىليون فوندستېرلىڭ(1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ) مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەنلىگىيەدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ شەخسى ساياھەت كېمىسىدىن بىرنى ياساتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كېمىنىڭ ئىسمى «Vava II» بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 96 مېتىر، ئالتە قەۋەت پالۇبىدىن تۈزۈلگەن ئىكەن. بۇ كېمىنى 200 دىن ئارتۇق ھۈنەرۋەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمىلەر ئىچىدە 33-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئەنگلىيەدىكى ئەڭ باي ئايال مىليون دوللارغا ھەشەمەتلىك كېمە ...
شاڭخەيدە چوڭ تىپتىكى تېررورلىققا قارشى تورۇش مانىۋىرى ئۆتك...
پاكىستاندىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز ب...
تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇئان 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مىسىردا...
برازىلىيەدە تۆت تۈمەن ئۆسمۈر 14 يېشىدىلا توي قىلىپ بولىدىكەن