ئەنگلىيەدە پۇل تۆكۈلىدىغان «تىللا دەرىخى» بايقالدى

99 2011-09-14 09:38:57   جوڭشىن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 12-چېسلادى خەۋىرى، قەدىمكىلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، جاپا تارتماي ھالاۋەت بولماس، بايلىقمۇ بىكاردىن بىكار پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى يوركشىردا، پۇل دەرەخنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈپ چىقىدىكەن، دەرەخنىڭ غولىدىكى ئىجىر-مىجىر تۇرغاننىڭ ھەممىسى تەڭگە پۇل ئىكەن، بھسدھسدھدھد

شۇ يەرلىك ئاھالىلەر «تىللا دەرىخى» گە ھەيران قالغان، «بىز دەسلىۋىدە بۇ دەرەختىن قانداقسىگە تەڭگە پۇل ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بىلەلمىدۇ. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ دەرەخنىڭ ئەسلى ئىلگىرى تىلەك دەرىخى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق.» شۇ جايدىكى يەر - مۈلۈك باياناتچىسى جونىس مۇنداق دەيدۇ: «18-ئەسىردىكى ئەسىردىكى ئەنگلىيەدە، ناۋادا كېسەللەر تەڭگە پۇلنى دەرەخكە پاتۇرۇپ قويسا، ئۇنىڭ كېسىلى مۇشۇ دەرەخ تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ دەپ قارىلاتتى.»

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نەچچە ئەسىر ئاۋال، بۇ يەردىن ئۆتكەن خېلى كۆپ قىسىم يولۇچىلار تاش ئارقىلىق تەڭگە پۇلنى دەرەخكە پاتۇرىۋېتىپ، ئۆزىگە ياخشى ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتىكەن، ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان تەڭگە پۇلنى دەرەخكە پاتۇرىۋېتىپ ئۆزلىرىنىڭ رىشتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئىپادىلىشەتتىكەن. ئەنئەنىۋى قائىدىدە، دەرەخنىڭ روھى بولىدۇ دەپ قارىلىدىكەن، شۇڭا ئاز بولمىغان كىشىلەر بايرام ئۆتكۈزگەندە كېلىپ دەرەخكە ھەرخىل رەڭلىك پانۇس ۋە چىراقلارنى ئېسىپ قويىدىغان، كەمپۈت ۋە سوۋغىلارنى قويۇپ قويىدىغان ئىشلار ئەزەلدىن بار ئىكەن، بۇمۇ چەتئەللىكلەردىكى روژدېستىۋو ئارچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىر سەۋەپ ئىكەن. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن، دەرەخ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ زورايغاندا، ئەسلىدە دەرەخنىڭ غولىغا پاتۇرىۋەتكەن تەڭگە پۇللار قايتىدىن يورۇغلۇققا ئېرىشىپ، دەرەخ بىلەن قوشۇپ ئۆسۈپ چىقىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博