16سېنتەبىر دىكى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇكرائىنا يۇقىرى پالاتا ئىنسانى ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى نىنا كارپاچىۋا تۈرمىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى تىموشىنكونى يوقلاپ قىزىتمىسىنىڭ تېخىچە يانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى دېيىلدى.
تىموشىنكونىڭ ئادۋوكاتى يۇقىرى پالاتا ئەزاسى سىرگىي فۇلاشىنكو 15-سېنتەبىر سۆزلەپ تىموشىنكونىڭ قىزىتمىسى يانماي سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ دېدى.
كارپاچىۋا جۇمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىموشىنكو راستىنىلا كېسەل بولۇپ قالدى،كانىيىدا چوقۇم كېسەللىك بار،ئۇنىڭ راستىنىلا قىزىۋاتقانلىقىنى مەنمۇ ھېس قىلدىم دېدى.
ئۇ يەنە تىموشىنكو سەھىيە تارماقلىرىنىڭ داۋالىشىنى رەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ شەخسى دوختۇرىنىڭ داۋالىشىنى تەلەپ قىلدى دېدى.
ئۇكرائىنا تەپتىش تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى تىموشىنكونى 2009-يىلى رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش توختامىنى ئىمزالىغاندا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سوت مەھكىمىسى تىموشىنكونى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان،قوللىغۇچىلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ تەستىقىغا قارشى تۇرغان ۋە سوت مەھكىمىسى نۇرغۇن قېتىم ئادۋوكاتلارنىڭ تىموشىنكوغا بولغان قاماق جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋەتكەن.
ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ نا...
قاپيۈرەك سەتەڭ نەچچە ئون مىڭ سۈۋەرەك بىلەن بىللە«دەپنە»قىل...
ئابباس خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بېرىپ تولۇق ئەزالىق سالاھىيىتى ...
ئەنگلىيەدە 16 كلوگرام كېلىدىغان گىگانت پىياز دۇنيا رېكورتى ي...
تايلادنىڭ جەنوبىدىكى بىر ساقچىخانا پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچ...