سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنى 15 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا «ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى جەھەتتىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسى» توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن، قاراماي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ شىنمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نوپۇس - بايلىق - مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ زوزۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خۇ جىبىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ چىڭشەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن چى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر - دىن ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار - قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن جاۋشيا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەيۋەنلىك مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۈيمېي، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ما لى يىغىندا سۆز قىلدى.
خەن يۇڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يىغىن تېمىسى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بۇ ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشتە زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى تېخىمۇ كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشى؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ رىغبەتلەندۈرۈش، قەلبلەرنى مايىللاشتۇرۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقىل - پاراسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پائال ئەقىل كۆرسىتىشى؛ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، يولى راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو خەلقئارا تىك ئۇچار ئايروپىلان كۆرگەزمىسى تيەنجىن شەھ...
ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ نا...
قاپيۈرەك سەتەڭ نەچچە ئون مىڭ سۈۋەرەك بىلەن بىللە«دەپنە»قىل...
ئابباس خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بېرىپ تولۇق ئەزالىق سالاھىيىتى ...
ئەنگلىيەدە 16 كلوگرام كېلىدىغان گىگانت پىياز دۇنيا رېكورتى ي...