
بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 4 ئاي ئۇچۇشتىن توختاپ قالغان ئامېرىكىنىڭF-22«ۋەھشىي قۇش» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى 21-سېنتەبىر قايتىدىن ئۇچۇشقا باشلىدى. 21-سېنتەبىر ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە تور بېكىتىدە، ئالياسكىدىكى ئېرمىندوف ۋە خولمان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ۋەھشىي قۇش» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ ئۇچۇش مەشقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق خەۋىرى ۋە سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان.

تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەڭ دەسلەپ F-22«ۋەھشىي قۇش» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش سېستىمىسى كاشىلىغا ئۇچرىغاچقا، 14 قېتىم ئوكسېگىن كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ھالبۇكى ئوكسېگىن كەمچىل بولسا ئۇچقۇچىدا كۆڭۈل ئېلىشىش، باش ئاغرىش ۋە ھارغىنلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆتكەن يىل ئاخىرى ئالياسكىدىكى Elmendorf-Richardsonبىرلەشمە ھەربىي بازىنىڭ شىمالىغا 100ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان جايدا، پولكوۋنىكJeffrey Haneyھەيدىگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، لېكىن ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئاشكارىلانمىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ