سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ‹‹ئارام ئالماقچى››

0 2011-10-18 11:55:01   ئۈرۈمچى لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

         11–ئۆكتەبىر ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 8–ئۆكتەبىردىن باشلاپ سۇ ئۈستى باغچىسى ئارام ئېلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، باغچا ئىچىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ‹‹ئۈچەك›› كە كىرگەن .

    ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇخبىرغا ، گەرچە باغچىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى خىزمەتتىن توختىغان بولسىمۇ ، لېكىن سۇ ئۈستى باغچىسى يەنىلا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ، شەھەر ئاممىسى باغچىغا كىرىپ بەدەن چېنىقتۇرسا ياكى ئايلانسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博