16-ئۆكتەبىر دۇنيا ئاشلىق كۈنى، بۇ يىل ئاشلىق كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئاشلىق باھاسى كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش».نۆۋەتتە، يەر شارى بويىچە ئاشلىق باھاسىدا تەۋرىنىش بولماقتا، بولۇپمۇ داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت سالدى، نامراتلار ئەڭ زور تەسىرگە ئۇچرىدى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2010-يىلىدىن 2011-يىلغىچە، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن 70 مىليون كىشى قاتتىق نامراتلىشىپ كەتكەن. مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان، يەر شارىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس يەنىلا كۆپەيدى، 2010-يىلى يەر شارى بويىچە ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان نوپۇس 925 مىليونغا يەتتى.
2008-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا بانكىسى ئىككى خىل نامرات سىزىقى ئۆلچىمىنى بېكىتتى: بىرسى ھەر بىر كىشىگە كۈنىگە 1.25 ئامېرىكا دوللىرى توغرا كېلىدىغان قاتتىق نامراتلىق سىزىقى بولۇپ، بۇ يەر شارىدىكى 10 دىن 20 گىچە بولغان نامرات دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە نامراتلىق سىزىقى؛ ئىككىنچىسى، ھەر بىر كىشىگە كۈنىگە ئىككى ئامېرىكا دوللىرى توغرا كېلىدىغان ئارلىقتىكى نامراتلىق سىزىقى بولۇپ، بۇ ئوتتۇرھال كىرىمدىكى دۆلەتلەرگە توغرا كېلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئاشلىق باھاسى داۋاملىق مۇقىم بولمايدۇ.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، كەلگۈسى 10 يىلدا، دانلىق زىرائەتلەر باھاسىنىڭ يەنە %20، گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ %30 ئۆسۈش ئېھتىمالى بار ئىكەن، ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى ئاشلىق باھاسىنىڭ تەۋرىنىش سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ تەۋرىنىشىنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ ئاجىز ئەزا دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرىنى يېنىكلىتىدۇ. ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2005-يىلىدىن 2008-يىلغىچە، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاشلىق باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاخىرقى 18 ئاي ئىچىدە، بۇغداينىڭ باھاسى %74، گۇرۇچنىڭ باھاسى %166 ئۆسكەن. 20 نەچچە دۆلەتتە ئاشلىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن مالىمانچىلىق كېلىپ چىققان.
1979-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 1981-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 16-ئۆكتەبىرنى ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يەنى دۇنيا ئاشلىق كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى. دۇنيا ئاشلىق كۈنىنى بېكىتىشتىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئاممىنىڭ دۇنيانىڭ ئاچلىق مەسىلىسىگە بولغان چۈشىنىشىنى زورايتىش، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار. ھەر يىلى دۇنيا ئاشلىق كۈنىدە ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئاپپارات، ھەر قايسى ھۆكۈمەت ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلار تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ماشىنا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيداندا 15 ماشىنا ئارقا-...
100 ياشلىق بوۋاي مارافونچە يۈگۈرۈپ جىنس دۇنيا رېكورتى ياراتت...
بېرلوسكونى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
سىچۈەن داجوۋ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 80 ئوقۇغۇچ...
پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى يولوچىلار ئايرۇپىلانى پاچاقلىنىپ كېت...
پاكىستاندا كۆمۈر كان پارتىلاپ 5 نەپەر كۆمۈر كان ئىشچىسى ئۆلد...