ئاپتونوم رايونلۇق بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسرىدىن ‹‹1–ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش قىلدى
: 7–ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2011–يىللىق ‹‹1–ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت خۇلاسە يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىلقى ‹‹1–ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكى مەملىكەت بويىچە بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت خىزمىتى مېخانىزمى تۇرغۇزۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيانقى 28–قېتىملىق ئالتۇن ھەپتە بولۇپ ، بۇ قېتىمقى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەتتە ‹‹بىخەتەر ، تەرتىپلىك ، سۈپەتلىك ، ئۈنۈملۈك ›› تىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ›› نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى جەمئىي 2 مىليون 834 مىڭ 800 (ئادەم قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشقان .
ئاپتونوم رايونلۇق بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسرىدىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ‹‹1–ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، بايرام ۋە دەم ئېلىش مەزگىلىدە ، ھەر دەرىجىلىك بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشخانىلىرى بايرامدىن بۇرۇن ۋە بايرامدا ساياھەت ، ئوت ئۆچۈرۈش ، قاتناش ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ ، ئوت ئۆچۈرۈش ، يول قاتنىشى ، ئالاھىدە ئەسلىھە ، يېمەكلىك تازىلىقى ، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈپ ، ھادىسە ئالامىتى ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىپ ، ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك ساقلاندى . بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بەرمىدى .
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ مورەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ‹‹1–ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ، بۇيلۇق ، قاناس، نارات قاتارلىق 5A دەرىجىلىك بىر قەدەر داڭلىق تۆت مەنزىرە رايونى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەر خېلىلا جەلپ قىلغان ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ئومۇمىي كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ %20 ىنى ئىگىلىگەن، گەۋدىلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە تۇرپان رايونىنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىكتە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىسى ئومۇمىي كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011–يىللىق ساياھەت كۈتۈۋېلىش نىشانى 36 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت كۈتۈۋېلىش مىقدارى 35 مىليون (ئادەم قېتىم) ، خەلقئارا ساياھەت كۈتۈۋېلىش مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ ئىكەن .
80 ياشقا كىرگەن شىۋىتسىيىلىك شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى...
ئامېرىكىدا بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ پارتلاپ كەتت...
خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىس...
پاكىستانلىق دوختۇر بىن لادېننىڭ DNAسىنى ئامېرىكىغا تەمىنلىگ...
ئەنگىلىيەلىك باتۇر ئايال پويىزنى توسۇپ قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئا...
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقى...
شاڭخەي :سېھرىگەرلىك ماھىرلىرىنىڭ 120 سائەت قۇم ساندۇقىدا تۇر...