ئېگىزلىكتە ياشىغۇچىلار ئىشىكىنى قۇلۇپلىمايدۇ

0 2011-09-28 11:19:43   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   بېيجىڭلىق قىز لۇ يۈەن ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق قىسقىغىنە ئېگىزلىك سەپىرىدە قار مۇزغا تولغان تاشقورغاننى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ئاخىرى دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان چېگرا رايوندىكى بۇ ناھىيەدە خىزمەت قىلىشنى تاللىدى.

    32 ياشقا كىرگەن لۇ يۈەن ئەسلىدە بىر داڭلىق چەت ئەل كارخانىسىدا 10 يىل خىزمەت قىلغانىدى. بۇ يىل 3-ئايدا ئۇ تاشقورغاندا ساياھەت قىلىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى: ئۇ كۈنى، لۇ يۈەن ئالدىراشچىلىقىدا يول بويىغا توختىتىپ قويغان ماشىنىسىنى قۇلۇپلىمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئارىلىقتا بىر يېرىم سائەت ئۆتكەن بولسىمۇ، پورتمال، ئاپپارات، سىنئالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايىدا ئىدى. ئىككى تاجىك ئايال ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «بۇ يەردە ھېچكىم نەرسە ئوغرىلىمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن، كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ قول ئىشارىسى قىلدى.

   لۇ يۈەن مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە چارۋىچىلار ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئەنئەنىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەگەر بىر كىم نەرسە تېپىۋالسا، تاشتىن بىرنى ئېلىپ يول بويىغا بەلگە سېلىپ، ئىگىسىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن».

   لۇ يۈەن ناھىيەدىكى پامىر يولىغا جايلاشقان بىر قورونى ئىجارىگە ئېلىپ، 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاشقورغان ناھىيەسى بويىچە تۇنجى مەخسۇس ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى — «شىمالىي كەڭلىك 37 گىرادۇس ئېگىزلىك مېھمانخانىسى» نى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن لۇ يۈەن شۇ جايدىكى ئاممىدىن ئۆگەندى. سىرتقا چىققاندا، ئاچقۇچنى ئىشىككە ئېسىپ قويدى. مېھمانخانىدا ياتماقچى بولغانلار ئىشىكنى ئۆزى ئېچىپ كىرىپ، مېھمانخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا تامغا چاپلانغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى. «مېھمانخانا ئاچقىلى ئۈچ ئاي بولدى، ھازىرغىچە ھەق تۆلەشتىن قاچقان كىشىلەرنى كۆرمىدىم. قارىغاندا، سەمىمىيلىكمۇ يۇقىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى لۇ يۈەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博