چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى نوكىس زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى جىنسىي ئويۇن جەريانىدا ئەنگىلىيەلىك ياتاقدىشى كېچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان.ئىتالىيە تەپتىش ئەمەلدارى 24-سېنتەبىر سوت مەھكىمىسىدىن نوكىسقا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە،نوكىس ئىتالىيەلىك ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى سولىچىدونىڭ ياردىمىدە كېچىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنىكەن.