ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر شىرلارنىڭ رەسىمىنى تارتقۇچى فوتوگىراف كىنىيەدە كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. بىر بالا شىر ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيلىپ كېتىپ ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، بالا شىرنىڭ ھاياتى ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا قالغان پەيىتتە، ئانا شىر ۋە قالغان تۆت شىر ھودۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بېلەلمەي، تىك ھاڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ قالغان. بالا شىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتەي دېگەن شۇ جىددىي دەقىقىدە ئانا شىر ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى ھاڭغا ئېتىپ بالا شىرنى ئاغزىغا ئېلىۋىلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋالغان، ھەمدە ئۇنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قويغان.