بىر ئوغۇل ستۇدېنت قىزلاردەك ياسىنىپ كۇتۇپخانىغا چىقتى

0 2011-09-27 11:40:30   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     بۇ رەسىمنى كۆرگەن كىشى ھەيران قالماي قالمايدۇ. چۈنكى ئالىي مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى. ئادەتتە كۇتۇپخانىلاردا بۇنداق ئۇخلاش كىيىمىدىن پەرقلەنمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ۋە سەسكىندۈردىغىنى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۈستەلگە بېشىنى قويۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بىر ئوغۇل بالا ئىكەن.  ئۇ قىزلارنىڭ كۆينىكىنى كىيىپ، ئايالچە ياسىنىپ، كۇتۇپخانىغا چىقىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنى دەسلەپتە كۆرگەنلەر مۇنداق دېيىشكەن:«توۋا، ئۇنى دەسلەپتە كۆرۈپلا، بۇ قايسى قىزكىن، دەپ قالغانىدۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئوغۇلكەن ئەمەسمۇ». ئۇنى كۆرۈپ كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتكەن شىياۋ گو مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«ئەينى ۋاقىتتا ئەتىگەن سائەت سەككىزلەردىن ئاشقان بولۇپ، مەن بىر قانچە قىز ساۋاقدىشىم بىلەن مەركىزى مەكتەپ رايونىغا ئىش بېجىرگىلى كېتىۋاتقانىدىم. كۇتۇپخانىدا بارىدىغان ئاشۇ چىغىر يولدا تۇيۇقسىز غەيرىي بىر ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ قالدىم، دەسلەپتە ئۇنى قىز ئوقۇغۇچى دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ قىزلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ،  بېشىغا گۈللۈك قىسقۇچ قىسىۋالغانىدى. مەن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپلا شۇنى بىلدىمكى، ئۇ ئەسلىدە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博