يېقىندا بىر مەھەل زىلزىلە پەيدا قىلغان ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىغا «ئىسىم قوشۇش بېجى» ئاخىر بېسىقتى. مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەركىزى باج ئىدارىسى بىرلىكتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئېنىق بېكىتتى: نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان جەرياندا ئۆي مۈلۈك، يەر ھوقۇقى ئەسلىدە ئەر-ئايالنىڭ بىرىگە تەۋە بولۇپ، كېيىن ئىككىسىگە ئورتاق قىلىپ ئۆزگەرتىلسە، يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
تاۋۇز چاغىنىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كارخانا خىزمەتچىلەرگە ئاي توقىچى تارقىتىدۇ، كىچىككىنە ئاي توقىچىغىمۇ باج تۆلەش زور غوۋغا قوزغىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ مىساللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاممىنىڭ باج ئېڭى كۈنسېرى ئۆسمەكتە. مەملىكىتىمىزنىڭ باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىدا ئوبوروت بېجى قاتارلىق ۋاسىتىلىك باجلار باج كىرىمىنىڭ ئاساسى، بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجى قاتارلىق بىۋاسىتە باجلارنى ئاساس قىلغان باج تۈزۈمىگە ئوخشىمايدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى، ئاساسلىقى، دۆلەت ئىچى قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ۋە تىجارەت بېجىدىن تەركىب تاپقان ئوبۇروت بېجى ئوخشاش ۋاقىتتىكى دۆلەت ئىچى باج ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.
لېكىن، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان باج تاپشۇرغۇچىلار باج تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى «ھېسابلىماقتا»: باج سېلىقى ئېغىرمۇ، يېنىكمۇ، ۋاسىتىلىك باجنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئىستېمالچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ، يىغىلغان باجلار ئاخىرىدا ئاممىغا ئىشلىتىلەمدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن باج تاپشۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى سەگەك تۇتۇشقىچە، نۇرغۇن كىشى مەملىكىتىمىز باج ئېڭى دەۋرىگە كىردى، دېيىشمەكتە.
شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل مائارىپ ئىنىستىتۇتى باج كافېدىراسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈيچىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان مەملىكىتىمىز مالىيە سېلىنمىسى يۆنىلىشى جەھەتتە بەكرەك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى ئاممىۋى مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە بېرىلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئاجىزلاشتى، بىر قىسىم يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشىدا يوچۇق بار، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئەكىسچە خەۋەرلەر قوشۇلغاچقا، ئامما باج يىغىش ئادىل بولمايۋاتىدۇ، دېگەن قاراشتا بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئەنسىرەش ئېغىرلىشىپ كەتتى». بۇ ئاممىنىڭ باج ئېڭىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدىكى يەنە بىر ئامىل.