يىپەك يولى - غەربىي شىمالدىكى قىممەتلىك ئاسارە ئەتىقە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

02011-09-23 10:37:50   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    20-سېنتەبىر«يىپەك يولى ـ- غەربىي شىمالدىكى قىممەتلىك ئاسارە ئەتىقە كۆرگەزمىسى» دالىيەندىكى ھازىرقى زامان مۇزېيىدا ئېچىلىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى كۆرسىتىلدى، بۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى مۇزېيلار ئۆتكۈزگەن تەسىرى كەڭ، كۆلىمى چوڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى كۆرگەزمىسى.

    يىپەك يولى قەدىمدە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئادەتتە غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى چاڭئەننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھازىرقى گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ياۋروپا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىغا بارغان، ئۇ شەرق بىلەن غەربنىڭ سىياسىي ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.