توردىن مۇزىكا چۈشۈرگەن ستۇدېنت يالاڭتۆشكە ئايلىنىپ كەتتى

0 2011-09-22 10:35:57   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى جوئىل تېنېبائۇم 2009-يىلى توردىن قانۇنسىز مۇزىكا چۈشۈرگەچكە 675 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان.ئۇ بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان،ئامېرىكا نارازىلىق ئەرز سوتى يېقىندا ھۆكۈم چىقىرىپ ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان ۋە جازانى يېنىكلىتىشكە ئورۇن قالدۇرغان.
    تېنېبائۇم ئامېرىكا رودى ئارىلى شتاتى مەركىزى پروۋىدىنىس شەھىرىدىن بولۇپ ،توردا قانۇنسىز ناخشا-مۇزىكىدىن ھەمبەھىر بولغاچقا ئامېرىكا پلاستىنكا كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىغان.2009-يىلى زاستاتىللار ئۆمىكى ئۇنى 675مىڭ دوللار تۆلەشكە بۇيرۇغان بولۇپ ئۇ چۈشۈرگەن ھەربىر ناخشا 22مىڭ 500دوللارغا توختىغان.ئامېرىكا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى نانسى گېرتنېر ئەسلى ھۆكۈمدىكى جازا بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەن دەپ قاراپ   تۆلەم سوممىسىنى 67مىڭ 500دوللارغا ئازايتقان.
   تېنېبائۇم نارازىلىق ئەرزىدە ئەسلى ھۆكۈمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.سونىي كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى ،ۋارنېر پلاستىنكا شىركىتى  ۋە ئامېرىكا پلاستىنكا كەسپىي جەمئىيىتى ۋە باشقا ئەزالار سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان.ئامېرىكا نارازىلىق ئەرز سوتى  ئۆتكەن جۇمە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ سوتچى نانسى گېرتنېرنىڭ قانۇن تەتبىقلىشى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلغان.ئامېرىكا ئاممىۋى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا سوتچىنىڭ زاستاتىللاردىن بۇرۇن چىقىرىلغان جازانى يېنىكلىتىش ھوقۇقى بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博