ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش خادىملىرى نېۋادا ئىشتاتىدا ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىشكە قاتناشقان 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ پاچاقلىنىپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار بۈگۈن: بىز بۇ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قانات قىسمىدىكى زاپچاسلارغا دىققەت قىلدۇق، دېدى.
ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بۇ «P-51 » بەلگىلىك «ياۋا ئات» ناملىق سوقۇش ئايروپىلانى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 48-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇچۇش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كۆرۈش سۇپىسىغا سوقۇلۇپ كەتتى. ھادىسە يۈز بېرىشتىن بىرنەچچە سېكۇنت بۇرۇن تارتىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى بىر زاپچاس چۈشۈپ كەتكەن.
ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 74 ياشلىق ئۇچقۇچىنى ئۆز ئىچگە ئالغان يەتتە كىشى نەق مەيداندا قازا قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 54 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئىككى كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.
بۈگۈن غەربىي ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىكى مارتىنسبۇرگتا ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتكەندە، يەنە ۋەقە يۈز بەردى. «T-28» بەلگىلىك تاق موتورلۇق بىر ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا ئوت كېتىپ پاچاقلىنىپ، ئۇچقۇچى نەق مەيداندا قازا قىلغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا باشقا تالاپەت يۈز بەرمىدى.
بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقە كىشىلەردە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئويۇنى ۋە مۇسابىقىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن گۇمان قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئەمەلدارى روسېن كىند: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈملىرىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرگۈچى خادىملار رېنودىكى ئۇچۇش مۇسابىقە ئەھۋالىنى باھالايدۇ، دېدى.
مەملىكەتلىك ئۇچۇش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 1964-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى رېنودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 28 كىشى قازا قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ۋاقتى 17-سېنتەبىر مارتىنسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، «T-28» بەلگىلىك ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كەتتى.