مىليونلىغان نوپۇسنىڭ ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجىنى قامداپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈمىدى تۇغۇلدى .
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كان بايلىقى تارماقلىرى يېقىندا جەنۇبى شىنجاڭدىكى سۇ كەمچىل بولغان قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم ئالاھىدە چوڭ سۇ مەنبەسىنى بايقىدى، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە قەشقەر شەھىرىدە مىليونلىغان نوپۇسنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلان تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
قەشقەر شەھىرى قەشقەر دېلتا تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان، 2010-يىللىق شەھەر نوپۇسىنىڭ سانى 470مىڭ بولۇپ، يەرنىڭ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشتە بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ئېغىر ئېشىپ مەسىلىسى ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.
2010-يىلى 5-ئايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن، مەركەز قەشقەردە ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىدى.پىلانغا ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، قەشقەر شەھىرى شەھەر كۆلىمى 100كۇۋادرت مېتىرغا، نوپۇسى مىليوندىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا شەھەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.ئەمما سۇ سۈپەت تېپىدىكى سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇۋاتاتتى.
شىنجاڭ كان بايلىقى ئىدارىسى تونۇشتۇرۇپ، يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدە 1296كۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە سۇ مەنبەسى تەكشۈرۈپ بايقالدى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىسىگە قارىغاندا، سۇ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئىچىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، ئىچىشكە بولىدۇ دېدى.