
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، خەۋىرى ، فوتوسى :29 – ئاپرېل ، قەشقەر شەھىرى‹‹4–ماي›› ۋەتەنپەرۋەرلىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ ، قەشقەر شەھىرىدىكى‹‹ئون مۇنەۋۋەر ياش سادىق قوغدىغۇچى›› ۋە بىر تۈركۈم ‹‹4–ماي قىزىلبايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى››نى تەقدىرلىدى .
يىغىنغا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ، خەلق قۇرۇلتىيى ، ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتناشتى . يىغىندا ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئىتتىپاق خىزمىتى خۇلاسىلاندى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە بۇ قېتىم ھەر ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشنى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىندى .
يىغىن ئاخىرىدا ، قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇقىملىقى ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوغداش يولىدا ئۈن–تىنسىز تۆھپە قوشقان قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىىقنى قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى مۇختەر ئابلىمىت ، سەمەن يېزىلىق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئابلىمىت ئۆمەر ، شامالباغ يېزا جالا مەھەللە 9–كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى نۇرمۇھەممەت ئابلىز قاتارلىق ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ياش سادىق قوغدىغۇچى›› ۋە دۆلەتباغ يېزا ئاياغسۇزاق 14–كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسى قاتارلىق ‹‹4–ماي قىزىلبايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى›› شەرىپىگە ئېرىشكەن 33 ئورۇن تەقدىرلەندى .