
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى" ياشلار-ئۆسمۈلەر ئارىسىدا باج يىغىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى" ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.
ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باج تارماقلىرى بازا تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە باج يىغىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قوللانمىسى، كىتاب، ماتېرىيال ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىنى تارقاتتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا باج يىغىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى دەرىسى ئۆتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جىشىڭ مۇنداق دېدى:بۇ بازىنىڭ مەكتىپىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بىزنىڭ باج يىغىش بىلىملىرىنى ئىگىلىشىمىزگە زور ياردىمى بار، ئويگە قايتىپ مەن يەنە ئاتا-ئانامغىمۇ تېخىمۇ كۆپ باج يىغىش بىلىملىرىنى ئىگىلىتىمەن."
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن ۋېنلېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" بۇنىڭدىن كېيىن، باج تارماقلىرى قەرەللىك ھالدا مەكتەپلەردە باج يىغىش بىلىمى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش، ئوقۇچىلارنى باج مۇلازىمىتى زالىغا بېرىپ نەق مەيداننى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە
تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللاردا، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە باج يىغىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇپ، ئىگىلىتىپ، كىچىگىدىن باشلاپلا باج تاپشۇرۇش ئېڭى ۋە باج يىغىش قانۇن-تۈزۈم ئېڭى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ توغرا بولغان باج يىغىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە خوجايىنلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە تەدرىجىي باج قانۇنىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، رىئايە قىلىش، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش، باجغا ھەمكارلىشىش، باج قوغداشدەك يېڭى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. "
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا تەدرىجىي ھالدا "ياشلار- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا باج بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى" تەسىس قىلىدىكەن.

باج تارماقلىرى بازا تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە باج يىغىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قوللانمىسى، كىتاب، ماتېرىيال ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىنى تارقاتتى