basbas
مۇنبەر يانفون مەھەللە رەسىم تور ئەسەرلىرى MTV تور ئۇيۇنى كىنو ناخشا ئۇچۇر
         
 
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >>مەرھۇم داۋۇتجان ناسىر ناخشىلىرى
پىلاستىنكا نامى:مەرھۇم داۋۇتجان ناسىر ناخشىلىرى
ناخشىچى:داۋۇتجان ناسىر
يوللىغان ۋاقىت:2009-04-05
ئاۋاتلىقى:51946
چۈشۈرۈش ئاڭلاش ئۇرۇنلىغۇچى ناخشا ئىسمى
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر12
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر11
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر10
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر09
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر08
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر07
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر06
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر05
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر04
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر03
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر02
داۋۇتجان ناسىرداۋۇتجان ناسىر01
  
  پىلاستىنكا چۈشەندۈرۈلۈشى
  


داۋۇتجان ناسىر 1939–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى    ناسىر ئاكا خۇشپېئىل، ناخشىچى ئادەم بولۇپ، ھارۋىكەشلىك قىلاتتى. داۋۇتجان كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشپ مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ ناخشا–ساز تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ناسىر ئاكا ھارۋا ھەيدەپ يىراق سەپەرلەرگە چىققاندا، ناخشىغا خۇمار بۇ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى. داۋۇتجان ئەگرى–توقاي ھارۋا يوللىرىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ، ئاپتاپلىق دالىدا چورۇقلىشىۋاتقان تورغايلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىچە دادىسى ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى تەكرارلايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي قۇشنا–قۇلۇملارغا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقى مەلۇم بولدى. مەھەللىدىكى مومايلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ «ئانام–ئانام»نى ئېيتقۇزۇشقا خۇشتار ئىدى. ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۇلار كۆز يېشى قىلشاتتى. چوڭ كىشلەر داۋۇتجاننى كۆرسە: «قېنى داۋۇتجان، خانلەيلۇنغا بىر توۋلىۋەتكىنە...ھە، ئەمدى سادىر ناخشىسىغا ... » دەپ، قويۇپ بەرمەيتتى.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە سەنئەت ئىشلىرى كەڭ راۋاجلىنىپ، مەھەللە–مەھەللىلەردە سەنئەت كۇرژۇكلىرى تەشكىللىنىشكە باشلىدى. داۋۇتجان 1953–يىلدىن باشلاپ مويكا مەھەللىسىدىكى سەنئەت كۇرژۇكىغا قاتناشتى. ئۇ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتقاندا كىچىكلا بالا ئىدى. ئەينى يىللاردىكى پېشقەدەملەر بۇ بالا ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتنى دەرھال بايقاشتى. ئۇزاق ئۆتمەي داۋۇتجان شۇ چاغدىكى قازانچى رايونلۇق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى. قازانچى مەھەللىسى ئەزەلدىن كۈچلۈك ئەلنەغمىچىلەر توپلانغان، سەنئەت ئىشلىرىدا غۇلجا شەھىرى بويىچە مەلۇم تەسرگە ئىگە ئورۇن بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئۆمەكتە ئىشلەش داۋۇتجاناننىڭ سەنئەت ئەھلى قاتارىغا قېتىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالدى. داۋۇتجان ھەركۈنى ئۆمەككە بېرىشكە ئالدىرايتتى. ئۇ يەردە ئۇنى قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەر تولۇپ تۇراتتى. شۇ يىللاردا، كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا داڭ چىقارغان پاشا ئىشان، غىياسىدىن بارات، ھۈسەنجان جامى، مۇساجان روزى، قۇربان ئۆمەر قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتچىلەرمۇ بۇ يەردە بىر مەزگىل ئىشلىگەنىدى. يەنە ھېزىم موللا، تەمبۇرچى ئابدۇرېھىم ئاكا، تۇرسۇن ئاۋامۇسسېلىم (تۇرسۇنجان مەشچى) قاتارلىق كۈچلۈك ئەلنەغمىچىلەر بارئىدى. داۋۇتجان بۇ ئۆمەكتە سازچېلىش، ناخشىنى سازغا چۈشۈرۈپ ئېيتىش، ئۇلاپ ئېيتىشلارنى ئۆگەندى. بولۇپمۇ، مويكا مەھەللىلىك تۇرسۇن ئاۋامۇسسېلىم ئاكا ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. مەرھۇم داۋۇتجان ھايات ۋاقتىدا بۇ ئۇستازىنى ئەسلەپ: «ئۇ كىشىنىڭ چالغان سازى، ئېيتقان ناخشىلىرى مېنى سېھىرلەپ، يۈرىكىمدە سەنئەتكە بولغان قايناق ھەۋەس ئويغاتقانىدى. ئۇ مېنىڭ ھۈرمەتكە مۇناسىپ، ئۇنتۇلماس ئۇستازىم! » دېگەن.
داۋۇتجان ناسرى ئۆز ئۆمرىدە بىرەر سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىنىڭ سەنئەتكە باي تۇپرىقىدا تەبئىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۇ قۇرىماس بۇلاقتىن قېنىپ سۇ ئىچىپ، يالغۇز كلاسسك ئاھاڭ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشقىلا ماھىر بولۇپ قالماستىن، دۇتار، تەمبۇر، ئىسكرىپكا قاتارلىق مۇزىكىلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالالايدىغان مۇكەممەل سەنئەتچى بولۇپ يېتىشتى. ئۇ ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى، تاشكۆۋرۈك يېزىسى، شەھەرلىك ئىككىنچى رايون ۋە قول سانائەت كارخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، بۇ ئۆمەكلەرنى تەشىكىللەش، راۋاجلاندۈرۈش، يېڭى كۈچلەرنى يېتىشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردا غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئىشتىن سرتقى سەنئەت ئۆمىكىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، تۇرۇشىدا ھېسام قۇربان بىلەن داۋۇتجان ناسىر قاتارلىق سەنئەتچىلەر كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلەردىن بولۇپ قالغانىدى.
داۋۇتجان ناسىر خەلق ناخشلىرىنى ئورۇنداشتا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان سەنئەتچى. ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، دولقۇنلۇق، ھېسسياتقا باي، تىلى ئېنىق، ئاھاڭ بىلەن ناخشا تېكستلىرى مۇستەھكەم بىرىككەن بولۇپ، پەقەت داۋۇتجانغىلا مەنسۇپ ئۆزگىچە پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان. شۇڭا، خەلق ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە غۇلجا خەلق رادىئو ئىستانسىسىلىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن ناخشىلىرىنى لېنتىغا ئالدى ۋە مەخسۇس تونۇشتۇردى. ھەرقايسى رادىئو ئسىتانسسىلرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ۋە تەلەپلەر بويىچە بەرگەن كونسېرت نومۇرلىرىغا داۋۇتجان ناسرنىڭ ئاۋازى ئالاھىدە ھۆسىن قوشۇپ كەلدى.
داۋۇتجان ناسر ئەينى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى. 1961–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سرتقى سەنئەتچىلەر كۆرىكىدە ئۆز ناخشىلىرى بىلەن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. 1984–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئەمالار ئۇنئالغۇ لېنتىلىرىنى باھالاش مۇسابقىسى»دە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە لېنتىغا بەرگەن يەتتە ناخشىسى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا شەرەپ كەلتۈردى. داۋۇتجان كېيىنكى يىللاردا مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ «تاغ سۇلىرى»، «ئىلى ئالمىسى»، «سېنى كۈيلەيمەن بەختىم»، «قىزىلگۈل» قاتارلىق ئىجادىيەتلىرى كەڭ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
داۋۇتجان ناسىر ئېيتقان ناخشىلار كىشنىڭ قەلبىنى زىلزىگە سالىدۇ، خۇددى قارىغايزارلىقلار ئارىسىدىن شارقىراپ چۈشۈۋاتقان دولقۇنلۇق تاغ سۇلىرىغا ئوخشاش كىشىگە ئارام ۋە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. «ناخشىلىرىڭىز نېمىشكە شۇنچە تەسرىلىك؟» دېگەن سوئالغا ئۇ: «قانداق چۈشەندۈرسەم بولار.... دۇتارنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولىدۇ.... كىچىك ۋاقتىمدا كۆزۈم خىرە كۆرەتتى. يىللار ئۆتكەنسېرى يورۇق ئالەمنى كۆرۈشتىن قالدىم. مەن ئېيتقان ھەربىر ناخشا ھاياتقا، ئادەملەرگە بولغان مۇھەببىتىم، قۇياش نۇرى ئاستىدا تاۋلىنىپ ياتقان كەڭ دالا، ياپېشىل ئوتلاقلارغا بولغان سېغىنىش ھېسسياتىم، يۈرەك مۇڭىم بىلەن تولغان.....» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈۋاتقان بۇ ھارماس بۇلبۇل 1988–يىلى 18–سېنتەبر ئەتىگەندە، مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئارىمىزدىن كەتتى. مەرھۇم ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ ھەيئىتى، غۇلجا شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى ئىدى.
داۋۇتجان ناسىرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئۇشتۇمتۇت تارقىغان بۇ شۇم خەۋەر شۇ كۇنى ھاۋا ئوچۇق تۇرۇپ گۈلدۈرلىگەن چاقماقتەك ھەممىنى تاڭ قالدۇردى، يولۇچىلار توختاپ تېڭىرقاپ، بىر –بىرىگە قاراشتى، كاسىپلارنىڭ قولى ئىشقا بارماي قالدى، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقانلىكى ئادەملەر دۆڭمەھەللە «گۈللۈك مەسجىد»كە قاراپ ئاقتى. شۇ چاغدا شائىر ئابدۇساتتار ناسىرى بۇ مەنزىرىنى مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلىگەنىدى :
تاڭ يورۇپ
سۈبھى ئەمدى سۈزۈلگەندە.
داۋۇتجان تىنىپ قالدى،
بىر ئۇھ تارتىپ،
تۇيۇقسىز يۈرەك تارى ئۈزۈلگەندە.
نېمە ئۇ؟
ئاق يەلكەنمۇ ئوكياندىكى؟
ئاققۇمۇ ئۇچۇپ بارغان ئورماندىكى؟
ئاق بۇلۇت ئىچىدە دىلغا مۇڭلار تۆكۈپ،
ئايمۇ ئۇ ئۈزۈپ ماڭغان ئاسماندىكى؟
ياق دوستلار،
داۋۇتجاننىڭ تاۋۇتى ئۇ،
ئادەملەر ئېقىنىدا كېتىپ بارغان.
تەلمۈرۈپ قارىشىدۇ كۆزلەر كۆزگە،
مۇسىبەت دەرياسى شۇ ئېقىپ بارغان.
ئاتاقلىق شائىرىمىز، مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ گويا شۇ كۈنلەردىكى غۇلجىنىڭ ئەھۋالىنى، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ بىلەن ھېسامنىڭ كۆزىدىكى مۇسىبەت يېشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك مۇنۇ مىسرالارنى تىزغانىدى:
مەن ئىشەنمەيمەن نېچۈك راستىنلا ئەزرائىل كېلىپ،
جان مېۋەڭنى ئۈزگىلى قەددىڭ شېخىنى ئەگدىمۇ؟
ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك «مىڭ ياشا!» دەيتتى سېنى،
كۆپچىلىك سۆزلەۋېرىپ ئاخىر ساڭا تىل تەگدىمۇ ؟ ...
غۇلجىنىڭ پەركايى ئۇچقاندەك سېزىلدى ئاشۇ كۈن،
چۈنكى ئۇندىن كەتتى بىر تەڭدىشى كەم بۇلبۇل ئۇچۇپ،
ئا. جارۇللايۇپ تۆكۈپ ياش، كۈلكىدىن قاپتۇ ھېسام،
يىغلىسا ئەرزىيدۇ ئۇيغۇر پۇشتى قەبرەڭنى قۇچۇپ......
ئاتاقلىق كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى داۋۇتجان ناسرنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ: «سەنئەت گۈلزارىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ يوقىتىش بولدى» دېدى. داۋۇتجاننىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى ئۇنىڭغا بەكمۇ روشەن ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىر جۇدالىق ھەسرىتىدە تىتىرىگەن قوللىرى بىلەن كۆزەينىكىنى تارتىپ: « داۋۇتجان ناسىر خەلقنىڭ سەنئەت ئىشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ ئادەم» دەپ يازدى. ئۇ ياۋروپا، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆز ئېلىنىڭ توپىلىق يوللىرىنى، ناخشا– سازلىرىنى سېغىنغانىدى، داۋۇتجان بىلەن يەنە بىر سورۇندا بولۇشنى ئستەيتتى.....
داۋۇتجان ناسىرنىڭ تەزىيە مۇراسىمى 28–سېنتەبر غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق–تۇققان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، نەچچە يۈز ئادەم بۇ كىچىك زالغا تىقىلىپ قالغانىدى. داۋۇتجان ناسىرنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندە كىشلەر كۆز يېشىنى توختىتالمىدى، غۇلجا ناھيىسىدىن كىرگەن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن:
ئۆيۈڭدە دۇتارىڭ قالدى ئېسىقلىق،
ئورنۇڭدا قولىغا كىم ئالار ئۇنى؟
ئېيتقىنە، بىز بارساق غېرىپخانەڭغا،
ئالسىمۇ، سېنىڭدەك كىم چالار ئۇنى؟
سورۇنلار سېنىڭسىز چۆل بولدى گويا،
قارىساق، ھېسامكام يېنىدا سەن يوق.
يىراقتىن كەلگەنلەر ئارماندا– داغدا،
قايتىشتى، سەۋەبى ئىلىدا سەن يوق.
.......................
دەريالار يىغلايدۇ، باغلار كۆزى ياش،
ماتەمدە ۋەتەننىڭ ئالمىزار شەھىرى.
ۋادىمىز يىغلايدۇ كەتتى دەپ بۇندىن ،
ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇلى، ئىلىنىڭ پەخرى......
دەپ ، يېزا خەلقنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتتى. پېشقەدەم شائىرىمىز مۆمىن سەپىرى مىكروفون ئالدىغا چىققاندا پۇغاندىن بوغۇلۇپ قالدى. دائىم كۈلكە پەيدا قىلىدىغان ھېسامنىڭ چىرايىدىن بۈگۈن كىشلەر چوڭقۇر قايغۇ ھەسرەتنى كۆردى. ئۇ سۆيۈملۈك ئىنىسى، ياخشى–يامان كۈنلەردە بىللە بولغان سەپدىشى داۋۇتجانغا ئاتاپ ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچى بولغاندا، كۆز چاناقلىرىدىن ئىسسىق تاش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشتى. ....
داۋۇتجان ناسىر ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرى ئۈستىدىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن چالغۇچى ئىدى. ئۇ مۇقامنىڭ داستان، مەشرەپ، مەرغۇللىرىنى ناھايىتى نەپىس چالاتتى. ئاپتونوم رايون ۋە غۇلجا شەھەرلىك رادىئو ئستانىسىسىلىرىنىڭ ئىلى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىنىڭ كۆپىگە داۋۇتجانمۇ قاتناشقانىدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى مەيۈسلەنگەنلەرگە ئۈمىد، ھارغانلارغا ئارام، چېچىلغانلارغا تەسەللى، غېرىپسىنغانلارغا خۇشاللىق بېغىشلايتتى. داۋۇتجان ناسىر سەنئەت ئىشلىرىمىزغا قوشقان تۆھپىسى، كەمتەر ئەخلاق–پەزىلىتى بىلەن ئۆزىگە ئەنە شۇنداق يىقىلماس ھەيكەل تىكلەپ ئارىمىزدىن كەتتى.

 
ناخشا ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن ئىزدەڭ
ناخشا ناخشىچى پىلاستىنكا
باس - باس پىلاستىنكىلار
سۆيگەن گۈزەلدۇ ...
مۆمىنجان ئابلىكىم
تاشمۇھەممەت نا ...
تاشمۇھەممەت باتۇر
شېرىن ئەسلىمە
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
گېتتار كۈيلىرى
ئەكبەر قەھرىمان
ئابدۇللا ئابدۇ ...
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەركىن ئابدۇلل ...
ئەركىن ئابدۇللا
گۇليار ياقۇپ2009
گۇليار ياقۇپ
تاللانما دېسكو ...
تاللانما دېسكو
مەن ئۈچۈن
ھەزىرىتى ئەلى
باس - باس ناخشىلار
703469تارىم لوگەي01
471626دېسكو02
411385مۇسكۇۋا كىچىسى03
405037يارنىڭ گۈلى باشقىچە04
392253دېسكو05
355036ھېندىچە مۇڭ06
320717جىمى - جىمى07
282980دېسكو08
270405سۆيەلمىدىم 09
267765بەخىت تىلەيمەن10
252235قايغا كىتەرمەن11
248604سۆيگەن گۈزەلدۇر12
223217شاماللارغا نىمە دېدىڭ13
215190سۆيگۈ ئارزۇسى14
201955ئۆچمەس مۇھەببەت15
198790بىۋاپا16
195619پات يېقىندا بارمەن ئانا17
194462گۈزەلىم18
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 0991-2848484
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ