ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن1986-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى غەربىي جەنۇبىي تارىم نىفىتلىكىدە ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1993-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپنى،1999-يىلىدىن2005-يىلىغىچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غەربىي جەنۇبىي تارىم نىفىتلىكدە پۈتتۈرگەن.
2005-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگىلىزتىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىپ2009-يىلى تاماملىغان.ئۇ ئوقۇش ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى شۇنداقلا،ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاساسىدا ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن.



|