مەكتەپ بىلەن دەرسخانىدا نىمىلەر بار ؟
مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى نېمە كۆمۈۋەتتى ؟
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نەزىرىدە مەكتەپتە نېمە بار ؟ بىر قېتىم ، بىر مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا مەن مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن بىر پارچە ئاق قەغەزگە « مېنىڭ مەكتىپىم » نى ئاددىي قىلىپ سىزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم .48 نەپەر مەكتەپ مۇدىرى ئىچىدە ، پەقەت 12 سىلا ئادەمنى سىزىپتۇ ، ئوقۇغۇچىنى سىزغىنى ئاران تۆتەيلاەن ، مۇدىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتۇش بىنالىرى ، تەنەربىيە مەيدانى ، گۈللۈك ۋە يوللارنى سىزىپتۇ . « ئوقۇغۇچى » مەكتەپ توغرىسىدىكى رەسىمدە نېمىشقا گەۋدىلەنمەيدۇ ؟ مەكتەپ دېگەندە كىشىلەرنىڭ كۆزىگە « قەسىر » ۋە « تۈزۈم » كۆرىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر يېزا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىي قىلغان ماددىي نەرسىلەر ئىچىگە كۆمىۋەتمىگەن . ئۇ سىزغان « مېنىڭ مەكتىپىم » دېگەن رەسىمدە ئوقۇغۇچىلار رەسىمنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان ، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا يەنە مەكتەپكە كىرىشكە تەلمۈرۈپ تۇرغان بالىلار بار. مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ « مەكتەپتە نېمە بار » دېگەن سۇئالغا بەرگەن جاۋابىدىكى پەرق ، مەكتەپنىڭ ھاياتلىق ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە باغلىق . ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىدىكى سىنىپتا نىمە بار ؟ بىر قېتىم ، بىر ئوقۇتقۇچىلار كۇرسىدا ئوقۇتقۇچىلارغا بىر پارچە ئاق قەغەزگە « بىزنىڭ سىنىپ » دېگەن تېمىدا رەسىم سىزدۇردۇم . 100 نەچچە ئوقۇتقۇچى ئىچىدە ، كۆپ ساندىكىلىرى سىنىپتىكى دوسكا ، مۇنبەر ، پارتا - ئورۇندۇق ۋە تاملارنى سىزىپتۇ . ئاز ساندىكىلىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى سىزىپتۇ . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، كۇرستا ئاپىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بارئىدى ، ئۇمۇ بىر پارچە رەسىم سىزىپتۇ ، ئۇنىڭ رەسىمىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار سىزىلغان . مەن ئۇنىڭدىن نىمىشقا شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنى سىزدىڭ دەپ سورىسام ، ئۇ ، سىنىپ ئەسلىدىلا ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تەييارلانغان، دىدى. ئوخشاشلا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « سىنىپتا نىمە بار» لىقىغا بەرگەن جاۋاۋىدىكى پەرق ئۇلارنىڭ دەرسخانىنىڭ ھاياتلىق ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنىڭ چەكلىلىمىلىككە ئىگە بولغانلىقىدۇر . بىز دائىم ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگەك ئوبىكتى جانسىز ، تەبىئىتى ، ماددىي ماتىرىياللار ئەمەس، بەلكى ئىدىيىگە ، ھىسسىياتقا ، خارەكتىرىگە ۋە تەشەببۇسكارلىققا ، مۇستەقىللىققا ، يۈكسىلىشچانلىققا ئىگەچانلىق ئادەم دەيمىز . لېكىن ، ئەمەلىيەتتە ، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ، دائىم ئادەمنى « نەرسىلەشتۈرۈپ» ، تەلىم - تەربىيە سورۇنىدىكى « ئادەم » نىڭ پائالىيىتى ، «ئادەم»نىڭ ھىسسىياتىغا سەل قارايدۇ .
ئەنئەنىۋى دەرسخانىنىڭ ھاياتلىق ئەھمىيىتىگە سەل قارىشى يەنە دەرسخانىنىڭ پاسسىپلىقىدا ، قوبۇل قىلىشچانلىقىدا ، ۋە بېكىنمىلىكىدە ئىپادىلىنىپ ، دەرسخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزدى .
ئۇنداق بولسا دەرسخانىنىڭ ھاياتلىق ئەھمىيىتىنى قانداق چۈشىنىش ھەمدە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك ؟
**********************************************************************************************
بارلىق مىللىي مائارىپقا كۆڭۈل بولىدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ يوقۇرقى سۇئاللار توغرىلىق بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىغىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
( ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان « يېڭى دەرسخانا قانداق جاي » دېگەن ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.