ئاساسىي تېما : قاتار «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىئاۋاتلىقى:249ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 122
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 124 نوقتا
پۇل : 1240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:132(سائەت)

 قاتار «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى


قاتار‹‹ئەلجەزىرە››تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
    سىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خالىغان بىر كىشىدىن قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ياقتۇرىسىز، دەپ سورىسىڭىز، چوقۇم ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭكىنى، دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ.
‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش شتابى قاتار پايتەختى دۇھادا بولۇپ، بىر قەۋەتلىك ئاددىي ئۆيلەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرۈنۈشتە جۇڭگودىكى ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىمۇ يەتمەيدۇ.
         620 مىڭ نوپۇسى، 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار كىچىك دۆلەت قاتاردىكى بۇ يىل ئەمدىلا ‹‹13 ياش››قا كىرگەن، ‹‹ناھىيە›› دەرىجىلىك بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر دۇنيادا 65 مىليوندىن كۆپرەك كۆرۈرمەنى بار، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىن لادىننىڭ سىنئالغۇسىنى بىرقانچە قېتىم مۇستەقىل كۆرسىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. ‹‹دېڭىز قولتۇقىدىكىCNN ››، ‹‹ئەرەبلەرنىڭBBC ››سى دەپ تەرىپلەنگەن ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى نامى چىقمىغان كىچىك دۆلەت قاتارنى جاھان ئەھلىگە بىراقلا تونۇتتى. 


        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1996 – يىلى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئىنگلىزچە ئاخبارات قانىلى ئېچىلدى، بۇ قانال ‹‹ئاخبارات قارالمىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز›› دېگەننى شوئار قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى دۇنياغا يېقىنلاشتۇردى. ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 70 نەچچە دۆلەتتە مۇخبىرلار پونكىتى بار، بۇ پونكىتلاردىكى مۇخبىرلار ھەر قانداق ۋەقەدە بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
        يېقىنقى غەززە ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگىچىرەك بولغانلىقتىن، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى. بىراق ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەززە ئۇرۇشىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، غەززەنىڭ زادى قانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقەلەرنى ئەرەب دۇنياسى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە خەۋەر قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ جامائەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


 قاتار‹‹ئەلجەزىرە››تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى
        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىر ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلىشىدىغان، غەربلەشكەن ئەرەب زىيالىيلىرى. دەسلەپكى مەزگىلدە، ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىBBC نىڭ ئوتتۇرا شەرق قانىلى تارقىتىۋېتىلگەن پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلىدى. ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمىر ھاماد ئەنگلىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ تېلېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى پىششىق بىلىدۇ ھەم بۇنى قوللايدۇ.
        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئەندىزىسىنى CNN ,BBC غا يېقىنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش، ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىش، 24 سائەت خەۋەر ئاڭلىتىشنى يولغا قويدى.
        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە غەرب بازىرىغا كىردى، چۈنكى غەرب تاماشىبىنلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش ئەندىزىنى قوبۇل قىلاتتى. ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى غەرب مۇخبىرلىرىدەك تەپەككۈر قىلىپ،  مەسىلىلەرگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قاراپ، دۇنيا ئەھلىگە مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنىڭ باشقىچە يولىنى كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ناھايىتى كۆپەيدى.
        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ‹‹ئۆلۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قوشۇن››، ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى غەززە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ، ھەر قانداق چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كىرگۈزمىدى. ئەمما  كۆرۈرمەنلەر ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلىرىدا ھەر كۈنى مۇخبىر ئېممان مورسېنيېدىننىڭ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش نەق مەيدانىنى ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا ھەقىقىي خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، غەززە ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئالتە ھەسسىدىن، تور پونكىتلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى% 150 ئاشقان.
        ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلەنگەن رايونغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىدا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ساھەسىدىكى تۇيغۇن تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى، ھەتتا ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى زىيارەت قىلدى. بۇ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى، يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.
        ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى ما شياۋلىن دائىم ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇ جايغا بارىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى، بۇ ئىستانسا ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋەكىللىرىنى پروگراممىغا تەكلىپ قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى ئۆز پېتىچە، راستچىللىق بىلەن كۆرسەتتى. بىراق چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىش ئۇسۇلىدا زور بەدەل تۆلىدى. ئامېرىكا ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئاغزى››نى ئېتىشنى ئويلىدى، ئەرەب دۇنياسىدىكى بەزى مۇتەئەسسىپ دۆلەتلەر ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئاڭلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى، ھەتتا ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنى تاقىدى. ئەمما بۇلار ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى چەكلىيەلمىدى، ئەكسچە دۇنياغا كەڭ تارقالغان يوشۇرۇن قورال بولۇپ قالدى.
        قاتارنىڭ دۇنيا دىققىتىنى تارتىشى، بۇ جاينىڭ رايون، ھەتتا دۇنيا ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ‹‹ئەل جەزىرە›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى.
Posted: 2009-04-29 03:42 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 366 نوقتا
پۇل : 3660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4703(سائەت)

 

« ئەل جەزىرە » نىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى چەكلەنگەنمۇ قانداق؟ چەتئەلنىڭ تورلىرىنى تولا چەكلەپ قايسىسنى كۆرسە بولىدۇ، قايسىسىنى كۆرسە بولمايدۇ بىلەلمەي قالدۇققۇ.

Posted: 2009-04-29 10:37 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 251
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 253 نوقتا
پۇل : 2530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1355(سائەت)

 

« ئەل جەزىرە » نىڭ توردىن كۆرۈش ئادرىسى، سۈرئىتى خېلىلا تىز ئىكەن.
Windows Media Player دا كۆرۈڭ.


http://wwitv.com/stream/b1544.asx                                          News TV
http://wwitv.com/stream/b3554.asx                    nglish version of Al Jazeera
http://wwitv.com/stream/b4534.asx                                 Documentary TV
http://wwitv.com/stream/b4982.asx                                   TV for children
Posted: 2009-04-29 12:53 | 2 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 665
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 665 نوقتا
پۇل : 6650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:389(سائەت)

 

      قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن دەي دېسەم نىمىلەرنى ئېلىپ نىمىلەرنى قويىدىغىنىڭىزنى بىلمىدىم . رەھمەت ئوغرى ئەپەندىن ~~~~~~~~~~~~

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-04-29 13:01 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 251
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 253 نوقتا
پۇل : 2530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1355(سائەت)

 

ئەرزىمەيدۇ، ھازىر بالىلار قانىلىدا كارتون فىلىم قويۇلىۋاتىدۇ~
Posted: 2009-04-29 13:09 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation