ئاساسىي تېما : جەننەتكە ماڭدۇقئاۋاتلىقى:176ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



 
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 449
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 449 نوقتا
پۇل : 4490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:461(سائەت)

 جەننەتكە ماڭدۇق

بىر ئىشەك ھارۋىسى ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان قىستاڭ يولدا كېتىپ بارىدۇ. ھارۋىدا 7 ئادەم باركەن. مۇھەممەد بىلەن ئەيسامۇ بۇ ھارۋىدا بار. ئۇلار ئاكا - ئۇكا ئىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇھەممەت ئەيسانىڭ ئۆيىگە كەلدى.
- ئاكا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان. 2000 سوم بېرىپ تۇرغىن. ئىككى ئايدىن كېيىن بېرەي.
ئەيسا بىر ھازا قاقشىغاندىن كېيىن، بىر قوساقتىن چىققان ئۇكىسىنىڭ بىچارە ھالىتىگە چىدىمىدى بولغاي، پۇلنى ئېپ چىقتى. ئامما خوتۇنى كېكىردىكىنى قېقىپ، ئەيسانى چاقىردى.
- ھۆججەت يازدۇرۋالدىڭمۇ؟
- ياق. ئۇكام تۇرسا....
تاكاللىشىشلاردىن كېيىن، ئەيسا ئۇكىسى مۇھەممەتكە ھۆججەت يازدۇرۇپ، دادۇينىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۇرۇخ تېپىپ، بارمىقىنى باستۇرۋالدى.
يەتتە ئادەم ئىشەك ھارۋىسىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر بۇ ئىشەككە جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ ئىشىنىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئەقلى يوق. ئۇلارنى بىر سۆرەپلا ماشىنىغا سوقىۋەتسە نىمە دىگۈلۈك. ئەمما ئۇلار ئىشەكنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.
چاتاق يېرى، ئاكا ئۇكىغا، ئۇكا ئاكىغا ئىشەنمەيدىكەن. ھەم ئىشەنگىدەك يەرمۇ قالمىدى.
ئىشەككە جاننى تىكىپ ئىشىنىمىزيۇ، قېرىنداشلىرىمىزغا 2000 سوم تىكىپ ئىشەنمەيمىز؟
ئىشەنگىدەك يېرى قالمىسا! ؟
......
- بانكىدىن قەرز ئالماقچىدىم، تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەرسەڭلار..
- بەش ئادەم كېپىل بولۇپ ئىمزا قويسۇن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان جەدۋەلنى ئېلىپ كېلىڭ.
بانكا خېرىدارلارغا ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ.
ۋاڭ بىر مىليونېر. پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىسىغا قويىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ بانكىلارغا ئىشەنمەيدۇ. پۇل قويدىغاندا ئىش ئاسان، پۇل ئالىدىغاندا ئۇزۇن ئۆچرەت.... تېخى بەزىدە پۇل يوق! ئەتە كېلىڭ!
نىمىشقا بەش ئادەمنى كېپىل قىلغۇدەك. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى، قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆينى، مال-ۋارانلىرىنى كېپىل قىلسىمۇ يەنە بەش ئادەم تاپىدىغان گەپمۇ؟
ئىشەنگىدەك يەر قالمىدى...؟!
****
ئايمېھرى داشۆدە ئوقۇيدۇ. ئۇ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان پاك قىز.
ئاپىسىدىن تېلفون كەلدى. بۇ بىچارە  مىھمانخانىنىڭ ياتىقىدا يالغۇز بىر ئەر بىلەن ئويتۇرۇپ تېلفوننى ئالدى.
- بالام، جېنىم قوزام، تىنچلىقمۇ؟
- ئاپا، ھازىر ئىمتىھان بېرىۋاتقان. مەن سەل تۇرۇپ تېلفون قايتۇراي.
ئىشەنگىدەك يەر قالمىسا...؟!
*******
دوكتور جەرھات ئالى مەكتەپنىڭ پروففېسسورى.
فۇرقەت بىلەن ھاراق ئىچكىلى ماڭغاندا تېلفون كەلدى. تېلفوندىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاۋازى.
- مۇئەللىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن.
- قايسى ئىمتىھاندىن.
- ماتېماتىكا. دىدى قىز.
- ھە! كەچتە دوزاخ بىڭگۈەننىڭ 119 نومۇرلۇق ياتىقىغا كەل. ئىمتىھاندىن ئەنسىرمە. نەتىجەڭ لاياقەتلىك چىقىدۇ.
ئىشەنگۈدەك يەر قالمىسا....؟
*************
نىمە بوپ كېتىپ بارىدۇ.
يالغان سۆز، ئالداشلار كىشىلەر ئارسىدىكى ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىپ شۇنداق ھالەتكە ئاپاردىكى... ئۇلار بىر ئىشەككە جېنىنى تىكىپ ئىشىنىدۇكى قېرىندىشىغا 2000 يۈەنلىك ئىشەنمەيدۇ.
قىز ئانىنى، ئانا قىزنى ئالدىسا بۇ قىز ۋە بۇ ئانىدىن شۇنداق بىر بالىلار تۇغۇلىدۇكى.... ئەييۇھانناس! بىلىپ قېلىڭلار ئامۇ خاس!!! چوڭ دادىمىز بىلەن قوشۇپ كۆمىۋەتكەن ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۈپەتلەپ بولالمىدىم. ئۇيغۇرچە ئاجىز تىلكەن.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ئوقۇغۇچىسىغا شەھۋەت بىلەن باقسا كەلگۈسىدە شۇنداق بالىلار تېپىلىدۇكى ئۆزىنىڭ چىرايلىق قىزلىرىنىڭ كاسىسىنى ئوماق قىزىم دەپ ئەمەس، كاساپەت بولىدىكەن! دەپ سىلاپ قويدىغان.
خۇدا !


مەنبە ؛ مەھلىيا

 
[ مەزكۇر پۈتۈك راتنا تەرىپىدىن 2009-04-29 09:36 دە تەھرېرلەندى. ]


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-04-28 18:15 | [پۈتۈكچى]


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3212
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3238 نوقتا
پۇل : 32380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1217(سائەت)

 

كەينىدىكى گەپلەرنى ئوقۇپ تېنىم شۈركىنىپلا كەتتى ...

Posted: 2009-04-29 00:25 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 1199
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1203 نوقتا
پۇل : 12030 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:581(سائەت)

 

راتنا ئالامەت يېزىپ قويىدىكەنسىز جۇما!...

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-04-29 02:53 | 2 -قەۋەت


 
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 449
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 449 نوقتا
پۇل : 4490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:461(سائەت)

 

مەن يازمىغان ، ئەسقەر - س كا ، مەنبە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،،، 


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-04-29 09:34 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 172 نوقتا
پۇل : 1720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:297(سائەت)

 

ھارمىغايسىز بەكمۇ ياخشى تېمىكەن.  سەپەردىن كېلىپلا يەنە كىرىۋالدىم باس باسقا،

ھەجەپ سېغىندىم لىنىيەنى

Posted: 2009-04-29 15:47 | 4 -قەۋەت


بەختىم سەن نەدە!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 555
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 555 نوقتا
پۇل : 5550 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:144(سائەت)

 

ياخشى تېمىكەن 

ھاياتىم ئۆركەشلەپ ئاققان شوخ دەريا!

Posted: 2009-04-29 17:54 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 237
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 237 نوقتا
پۇل : 2370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:368(سائەت)

 

ئەڭ ئاخىرقىسى ئادەمنى غەشلا قىلىپ قويىدىكەن ، چۈنكى ھازىر بۇنداق ئىشلار ئومۇملىشىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ .
Posted: 2009-04-29 18:18 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation