ئاساسىي تېما : غۇلجىلىق بولۇپ قالىۋىرىڭ ــ 13ئاۋاتلىقى:375ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مىنزەلە
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:354(سائەت)

 غۇلجىلىق بولۇپ قالىۋىرىڭ ــ 13

مەنزىل مەردنى تاللايدۇ   
     قىرىق يىللىق مۇھەررىرلىك مۇساپىسىدە قىرلار ئېشىپ ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان پىشقەدەم ئەدىب ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق كۆرۈنەتتى .
     ــ ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى ، غۇلجىلىق ئىكەنسىز ، ــ مەن چاقچاق قىلغاچ گەپنى ئەگىتتىم ، ــ « ئورۇسنىڭ يۈزىنى تاتىلىسا ، تاتار چىقىدۇ » دېگەندەك ، غۇلجىلىقنىڭ يۈزىنى تاتىلىسا ، ئالتىشەھەرلىك چىقامدۇ ، نېمە ؟ . ئىلگىرى ئىككى غۇلجىلىقنىڭ يۈزىنى تاتىلىسام ، ئىككى خۇتەنلىك چىقتى . بۈگۈن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى تاتىلاپ باقسام نېمە چىقارىكىن ، ھە ؟
      ــ نېمە چىقاتتى ، ئاتۇشلۇق چىقىدۇ ، شۇ ، ــ دەپ ، ئەدىب قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، ــ لېكىن تاتىلاش كەتمەيدۇ . چۈنكى بىزنىڭ ئائىلە مېنىڭ ئالتە ــ يەتتە يېشىمدا ئاتۇشتىن غۇلجىغا كۆچۈپ چىقىپتىكەن . دادام يەر تېرىپ تارانچى بولۇشنى خالىماي ، مال بېقىپ چارۋىچى بولۇپ قاپتىكەن .چارۋا ماللىرىمىز نىلقا تاغلىرىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرىدا ، قاش دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئارسلان يايلىقىغىچە بېرىپ يايلايىتتى .مەن ئىلگىرى ئارسلان يايلىقىغا زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا شۇنداق دەپ يازغانىدىم .
توز كەبى ياسانغان ياپيېشىل يايلاق ،
سېغىنىش ئىلكىدە قوينۇڭنى كەزدىم .
دىلىمنى ياشناتتى شەربەتلىك بۇلاق ،
باغرىڭنى گوياكى جەننەتتەك سەزدىم .
      ــ مۇھەررىر  ئەپەندى ، مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ ، مەنزىل مەردنى تاللايدۇ . سىز گۈزەل نىلقا تاغلىرىدا ، قاش دەرياسىنىڭ ئەركەك سۇيىنى ئىچىپ چوڭ بولغاچقا ، ئۇزۇن يىللىق مۇھەررىرلىك مۇساپىسىدا شاللىنىپ قالماي ، مەردلەرچە مېڭىپ مەنزىلگە يېتىپسىز . يۈزىڭىزنى تاتلىمايلا قويايلى ، غۇلجىلىق بولۇپ قالىۋىرىڭ !
                                                                               مەنبە : غىلاجىدىن ئوسمان . « پۈتۈلمىگەن پۈتۈكلەر » .
[ مەزكۇر پۈتۈك پۈتۈك تەرىپىدىن 2009-04-29 10:26 دە تەھرېرلەندى. ]

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ ، مەنزىل مەردنى تاللايدۇ .

Posted: 2009-04-28 23:27 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 299
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 305 نوقتا
پۇل : 3050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1356(سائەت)

 

ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ يۈزىنى تاتلىسا ھەر يەرلىكلەر چىقىدۇ ، جۇمۇ !
[ مەزكۇر پۈتۈك پۈتۈك تەرىپىدىن 2009-04-29 11:38 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2009-04-29 10:50 | 1 -قەۋەت


مىنزەلە
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:354(سائەت)

 

گۈلدانە سىڭلىم ، ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت ! يازمىڭىزنىڭ پەقەت چۈشۈپ قالغان ھەرپلىرىنىلا تولۇقلاپ قويدۇم ، ھىچقانداق تەھرىرلىك تۈزىتىش كىرگۈزمىدىم ، ئەپۈ قلىڭ .

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ ، مەنزىل مەردنى تاللايدۇ .

Posted: 2009-04-29 11:48 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 299
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 305 نوقتا
پۇل : 3050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1356(سائەت)

 

ئەسلى سىزگە كۆپ رەھمەت، تورداشلارغا ھەر كۈنى يىغىنچاق، مەزمۇنلۇق، قىزىقارلىق پۈتۈكلەرنى سوۋغا قىلىپ، مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزنى بىيىتىۋاتىسىز.
Posted: 2009-04-29 12:03 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 34
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 34 نوقتا
پۇل : 340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:57(سائەت)

 

Posted: 2009-04-29 12:16 | 4 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 665
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 665 نوقتا
پۇل : 6650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:389(سائەت)

 

       
    « ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى » ~~~~  كەمتەرلىكمۇ بەك سۆيۈملۈك خارەكتىر جۇمۇ ، ئۇماقلىغىنى بۇ ئىككىسىنىڭ ئادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرۈپ !~~~~~

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-04-29 13:05 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 172 نوقتا
پۇل : 1720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:297(سائەت)

 

بۇ گېپىڭىز راس جۇمۇ مېنىمۇ ئازراقلا تاتىلاپ قويسىڭىز ئاتۇشلۇق دەيمەن شۇ ، 

ھەجەپ سېغىندىم لىنىيەنى

Posted: 2009-04-29 15:10 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 156
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 162 نوقتا
پۇل : 1620 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1412(سائەت)

 

ئۇزۇن يىلار ئىلگىرى داداملارنىڭ ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ئابدۇرسۇلكامغا «ساختا چىقىپ قالدىڭ سەنمۇ» دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ نىمىشكە ئۇنداق دىگەندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.
Posted: 2009-04-30 04:03 | 7 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation