|
|
ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە |
يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:4234 |
|
|
|
تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن پارتلايدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسىي ، ئىقتىسادىي كىرزىسكە دۇچ كېلىدۇ . ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي سېلىقنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ . ئېلىدىكى جاڭجۇن مەھكىمىسى ئىلگىرىكى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان تۆت خو ( 256 كىلوگىرام ) بۇغداي غەللە - پاراقنى 1863 - يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ . ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادىي زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ، دەسلەپتە 1863 - يىلى 3 - ئايدا ياڭ سەنشىڭ ، مائېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، خۇيزۇلار غۇلجا شەھىرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇل بەگ باش قوماندان بولۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ . ئابدۇرۇسۇل بەگ مەخپىي تەييارلىقلاردىن كېيىن ، 1864 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ . قوزغىلاڭچىلار شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئەتىسى مۇھىم ھەربىي قورغان چىلپەنزىنى ئىشال قىلىپ ، زور تۈركۈمدىكى قورال - ياراغ ، ئوق - دورا ۋە ماددىي ئەشيالارنى غەنىيمەت ئالىدۇ ھەمدە بايانداي قورغىنىغا يۈرۈش قىلىدۇ . بۇ چاغدا تەڭلا ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلىپ ، ئۇ يەردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ . قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بارغانسېرى كېڭىيىپ ، ئادەم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ . ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىر باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ . 1865 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئارقىدىنلا كۈرە بىلەن سۈيدۈڭنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قورشاۋغا ئالىدۇ ۋە تارباغاتايدىن ياردەمگە كەلگەن چىن قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ . يۇلتۇزدىكى تورغاۋۇت ۋاڭلىرىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن قوشۇنىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇب بولىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاپچالدا تۇرۇشلۇق قوشۇنى دەرھال بىتەرەپلىك ئېلان قىلىدۇ . 1866 - يىلى 1 - ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ جاڭزىسىنى ، 1866 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كۈرە قەلئەسىنى ئىغال قىلىدۇ . ئىلى جاڭجۈنى مىڭ رۈي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . سابىق جاڭجۈن چاڭ چىڭ ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەسىرگە ئېلىنىدۇ . 4 - ، 5 - ئايلاردا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيدۈڭدە تۇرۇشلۇق قوشۇنى تەسلىم بولىدۇ . قورغاس جەڭ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىدۇ . ئىلى خەلقى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارنىڭ يەر - زېمىن ، مال - مۈلكى قوزغىلاڭچى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ ، قەرز ھۆججەتلىرى يىرتىپ تاشلىنىدۇ ، يانچىلار ئازاد قىلىنىدۇ ، ئېغىر باج - سېلىق ، ئالۋان - ياساقلار بىكار قىلىنىدۇ . قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا ، ئىلى جاڭجۈنى مىڭ رۈي مەزەمزات ھېكىمىنى زىنداندىن چىقىرىپ ( مەزەمزات ئەسلىدە ئىلىنىڭ ھېكىمباگى بولۇپ ، 1864 - يىلى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى ، دېگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى ) تارتۇقلاپ بېرىپ ، ئۇنى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئەۋەتىدۇ . مەزەمزات قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن ، خەلق تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ . بايانداي ئۇرۇشى بولىۋاتقان پەيتتە ، ئۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خەلق رەھبەرلىك قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قازى نەسىردىن ئەلەمنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن كېڭەش مەجلىسى ئېچىلىدۇ . مەجلىسكە نەسىردىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . قۇرۇلتاي مەزەمزاتنى سۇلتان مەزەمزاتخان ئۇنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ . ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر ، نەسىردىن ئەلەمنى قازى كالان ، شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر ، موللا روزىنى مۇپتى قىلىپ ، ئالاھەزەل ، سۇلتاندىن يۈز بېشىغىچىلىك ھەممە مەنسەپدارلارنى تەيىنلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىنىي ھاكىمىيەت --- ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلىدۇ . لېكىن ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەزھەپچىلىك ، ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئەۋج ئالىدۇ . نەتىجىدە سۇلتان ھەزەمزات ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىدۇ . 1865 - يىلى مۇھەممەت پوچى خوجا (ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن) مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالىدۇ . ئۇ ئۆزى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلقكە بارلىق بەگلەرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت پوچىنىڭ قىلمىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . ئارا ئۆستەڭلىك شەمسىدىن خەلپەم پۇرسەت تېپىپ مۇھەممەت پوچىنى ئۆلتۈرىدۇ . ئۇنىڭ سۇلتان بولغان ۋاقتى ئاران 36 كۈن بولىدۇ . مۇھەممەت پوچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىلىپ ، موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىققا تەيىنلىنىدۇ . موللا شەۋكەت سۇلتانلىققا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئەمىر لەشكەر ئۇبۇل ئەلاغا سۇمۇلدىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ . ئۇبۇل ئەلا 500 ئاتلىق ئەسكەرنى ئېلىپ قاراتام كېمىسى ئارقىلىق شىبە يېزىلىرىغا ئۆتىدۇ . قوشۇن سەككىز تۇغ باش بۇغىسى جايلاشقان ئالتە سۇمۇلغا بارغىچە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ . ئەمىر لەشكەرلەرنىڭ چاپچال تەۋەسىگە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان توقىلەك يۈز 300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئېلىپ ئالتە سۇمۇلغا يېتىپ كېلىدۇ . توقىلەك يۈز بېگى ئۇبۇل ئەلانىڭ شىبەلەرنى جازالاش مۇددىئاسىغا ئاشكارە قارشى تۇرىدۇ . ئاشۇ جىددىي پەيتتە سەككىز تۇغ باش بۇغى قار ماڭا ئۇبۇل ئەلا بىلەن توقىلەك يۈز بېگىنى ئۆز مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇبۇل ئەلا تەسلىم بولۇش شەرتىنى قويىدۇ . شىبە باش بۇغىسى قار ماڭا بىرىنچى ، ئىلى سۇلتانلىقىدىكىلەر شىبەلەردىن قىز ئالماسلىق ، ئىككىنچى ،شىبەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ، ئۈچىنچى ، ئۆز قەبىلىسىنى ئۇرۇشقا سالماسلىق شەرتىنى قويىدۇ . ئەمىر ئۇبۇل ئەلا بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ . نەتىجىدە شىبەلەر يۇقۇرىقى شەرتلەر ئاساسىدا تەسلىم بولىدۇ . بۇ سورۇنغا شىبە ئايال سۇخا مېھمان كۈتۈشكە چاقىرىلىدۇ . سۇخا تولىمۇ يېقىملىق ، چىرايلىق ئايال بولۇپ ، ئۇبۇل ئەلا سۇخاغا كۆز ئۈزمەي قارايدۇ . بۇنى سەزگەن باش بۇغا قار ماڭا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكىدۇ . يۇقۇرقى شەرت بويىچە قان تۆكۈلمەي مەسىلە ھەل قىلىدۇ . شىبە قوشۇنى ئەمىر ئۇبۇل ئەلا قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ . بۇ قوشۇن ئىچىدە ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ۋە ئاز - تولا رۇس تىلىنى بىلىدىغان فۇشەن ئىسىملىك بىر شىبە ياش بولۇپ ، ئۇ ئەمىر ئەلا يېنىدا تەرجىمان بولىدۇ . سۇلتان موللا شەۋكەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ، مۇستەبىتلىكنى يولغا قويىدۇ . ئۇ تولىمۇ قابىلىيەتسىزلىكى ۋە ئەمىر ئۇبۇل ئەلا بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەبلىك 1870 - يىللىرى قاش دەريا بويىدا ، ھاكىمىيەت بېشىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ، ئورنىغا ، ئەلا پالۋان "جاھان پالۋان ، سۇلتان باھادىر غازى ، ئۇبۇل ئەلاخان " ئۇنۋانى بىلەن خانلىققا كۆتۈرىلىدۇ . شىبە يىگىتى فۇشەن ئوردىدا ئۇبۇل ئەلا يېنىدا بولىدۇ . بۇ كۈنلەردە ئوردىدا زىددىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، سۈركىلىش ئېغىر بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇشەن ئوردىدىكى قورال - ياراغ ، ئەسكىرىي كۈچ ۋە باشقا ئىشلارنى ئىگىلەيدۇ - دە ، شىبە باش بۇغىسى قارماڭا يېنىغا بېرىپ ، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ . بۇ چاغدا قارماڭا تەسلىم بولۇش سورۇنىدا ئەمىر ئۇبۇل ئەلانىڭ سۇخاغا تىكىلىشىنى ئويلاپ ، تېخىمۇ كۆپرەك ماتېرىيالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان سۇخانى ئېرىدىن ئاجرىتىپ ، ئەلا سۇلتانغا سوۋغا قىلىدۇ . سۇخا شۇ كۈندىن باشلاپ ئەلا سۇلتان يېنىدا بولۇپ ، ئوردا ۋە سۇلتاننىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە تەرجىمان فۇشەن ئارقىلىق باش بۇغ قارماڭاغا يەتكۈزىدۇ . (سۇخا سۇلتان ئۇبۇل ئەلاغا تەككەندىن كېيىن ، خەلق ئۇنى شىۋە سارىخان دەپ ئاتايدۇ ) . ئۇلار مەسلەھەت قىلىشقاندىن كېيىن ، فۇشەن ئوردىدىن چىقىپ چار روسىيىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇلىغا سۇلتان ئۇبۇل ئەلانىڭ ئوردىسىدىكى ئىچكى سىرلارنى يەتكۈزىدۇ . كونسۇل چار روسىيىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ، ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چار روسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلايدۇ . ئەلا پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ . جۈملىدىن موللا توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۆتۈرىدۇ ، كېيىن ئەلاخان سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ . ئەخمەتجان غوجا (ئىلىدىكى چوڭ غوجا) بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ ، لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرىلىدۇ . ئەخمەتجان غوجا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇ ئاتامانى ياكۇرنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياكۇر ئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ ، ئۇرۇش قوزغايدۇ . نەتىجىدە ياكۇر بىلەن ئەلاخان سۇلتان ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى خۇيزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى مىللىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ياكۇر مەغلۇب بولىدۇ ، موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن ئەخمەتجان غوجا ئۆلتۈرۈلىدۇ . ئەلاخان سۇلتان ياكور ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ . چار روسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . چارروسىيە 1869 - يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ . 1870 - يىلى 6 - ئايدا تېكەستە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرەۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدا مۇز داۋاننى بېسىۋېلىپ ، ئىلى سۇلتانلىقىغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقى چار روسىيىنىڭ بۇ خىل يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىدۇ ھەمدە مۇزداۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسى چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ . جۈملىدىن 1871 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋە 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمىي قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋىسكىينى باش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ . بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ ، چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرىلىدۇ . قازاق ئاتامانى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ . ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇزتارا تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ . چارروسىيە دائىرىلىرى ئىلى سۇلتانلىقىدىن تازبېكنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلى سۇلتانى ئەلاخانغا "ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكەنسىلەر ، ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگە پايدىسىز بولىدۇ . بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىپلا قالماي ، چوقۇم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز" دەپ تەھدىت سالىدۇ . لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ . ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ : بىرىنچى باسقۇچ : 1871 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈنچىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق شەرققە ئىلگىرىلەپ ، تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ . مۇزداۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قوشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ ، قورغاس دارياسىغا قىستاپ كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ . شىمالىي تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ . 20 - كۈنى ئىلى قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئكتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چېكىندۈرىدۇ . 21 - ، 22 - كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت (ھازىرقى قازاقىستان چېگرىسىدا ) گىچە قوغلاپ بارىدۇ . جەنۇبىي سەپتە 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۈشمەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ ، 21 - كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چېكىندۈرۈلىدۇ . 26 - كۈنىمۇ ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز قوشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمچىلەرنىڭ كاتتا بېشى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ . بېشىربەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسىي ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1871 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى چۈنجى بىلەن بۇرۇغجىردىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ . ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېگلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولۇپ ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ . ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871 - يىلى چااروسىيە قوشۇنلىرى غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ . بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، موڭغۇل ، خەنزۇ ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ . لېكىن ، قوماندان تەن شىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۇرۇشتا چېكىنگەنلىكتىن ، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كېتىدۇ . 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چىڭسىخوزا قولدىن كېتىدۇ . 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمچىلەرنى قۇترىتىپ ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ . ئىچكى جەھەتتىكى تەسلىمچىلىك ، ئىتتىپاقسقزلىق ، قىرغىنچىلىق ، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېرىيىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بولىدۇ . چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ . 1871 - يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئائىلىسى بىلەن چارروسىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ . سۇلتان ئەبۇل ئەلاخان ئۈچ يىل چارروسىيە تەۋەسىدە تۇرغاندىن كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە 1874 - يىلى ۋاپات بولىدۇ . ئۇنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى "تېرەك بۇزۇكۋار" غا قويىلىدۇ . چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايون تەسىس قىلىدۇ ھەمدە غۇلجا شەھىرىنى شىمال رايوننىڭ مەركىزى ، قاينۇقنى جەنۇبىي رايوننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ ، ئىككى رايوندا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ . بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ . ھەرەمباغ ۋە سايبويى مەھەللىسىدە ھەربىي گازارما قۇرۇپ ، رەسمىي مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەيدۇ . 1877 - يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي گۇرۇھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ، ئىلىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ . 1878 - يىلى 12 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ . 1880 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە زىڭ جىنى روسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ . ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى " جوڭگو - روسىيە ئىلى شەرتنامىسى " ئىمزالىنىدۇ . بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار چارروسىيىگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدۇ . ئىلىنى قايتۇرۇپ كېلىش بەدىلىگە 9 مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ . لېكىن ، چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدە "تەڭرىتاغنىڭ ئاساي غول ئومۇرتقىسى چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇ" دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چېگرا سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭگۇرتلىق تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ .
مەنبە : <شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى . ئاپتورى - شېرىپ نىياز خۇشتار .
|
|
|