ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە
  • ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(2)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(3)
  • ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ھېكايە
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(1)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(4)
  • ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، تۆھپىكار مائارىپچى
  • شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette
  • ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىك تەشەببۇسلى ...
  • 2. ئاپپاق خوجا - خۇنخۇر، قاتىل زاتتۇر (8)
  • يازغۇچى ئەخەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى م ...
  • سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ
  • ئاپپاق خوجىنىڭ يازما ئەپسانىلەردىن ئۈزمىلىرى (3)
  • ئۇيغۇر خانلىرى
  • ئاپپاق خوجىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا (4 )
  • مىرزا ھەيدەر كوراگان
  • مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدى كەينىدە
  • قۇمۇل ۋاڭلىرى
  • شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
  • 1. ئاپپاق خوجا توغرىسىدىكى بەزى مەنبەلەر ھەققىدە
  • قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس، دوكتور گېگېل ئىسھاق ...
  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
  • تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى
  • ئاپپاق خوجا « ھاكىمىيىتى » نىڭ جىنايى پاجىئەلىرى توغرى ...
  • 4. ئاپپاق خوجا - مەرىپەت ۋە ئەھلى مەرىپەتچىلەر كۈشەندىس ...
  • ئاپپاق خوجىنىڭ ئەمىرى - مەرۇپلىرىدىن كەلىمىلەر (2)
  • مۇھەممەتجان راشىدىن
  • 8. ئاپپاق خوجا - نەسلى - نەسەب ۋاباسىدۇر (11)
  • قۇمۇل ۋاڭلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:3013
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۇزاق ئەجدادى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا باغلىنىدۇ . تارىخ 17 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا ئاقسۆڭەكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ، 1644 - يىلى پۈتكۈل جوڭگونى ئۆزلىرىگە قارىتىدۇ . مانجۇ ئىستىبداتلىرى خەنزۇ مىللىتىدىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن بىرلىشىپ ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزىدۇ . بۇ دەل شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيەدە تۈبۈتلەر كونتروللىقىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى خانىدانلىقى ، جەنۇبىي شىنجاڭدا سەئىدىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى . سەئىدىيە خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرەۈزىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىسيانلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ خەلقنى ئەمىن ئېتىدۇ . 1605 يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 4 - سۇلتانى  مۇھەممەتخان ( خاقانى ئەزىم ) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھىبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ يىللاردا جۇڭغارلار قۇمۇلغا پات - پات ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى . مۇھەممەتشاھىبەگ جۇڭغارلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ، ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىدۇ ، لېكىم مۇھەممەت  شاھبەگ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سول قولىدىن  ئايرىلىپ قالىدۇ . بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇھەممەت شاھبەگ مۇھەممەت غازى تارخانبەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ . مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تارخانبەگلىك ئورنى ئوغلى ئەبەيدۇللدغا قالىدۇ . دېمەك ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ئاتىسى مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ قۇمۇلغا تارخانبەگ بولىدۇ .

    ئەبەيدۇللا تارخانبەگ . بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا 1696 - يىلى جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىگە قارايدۇ . 1897 - يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى چوڭ گۇپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئەۋەتىپ ، جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلدىكى ۋەكىلى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ياللاپ  ئاپىرىدۇ . شۇ يىلى 10 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلىشى بويىچە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ . ئەبەيدۇللانى 1 - دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تارخانبەگلىك نامىنى ساقلاپ قېلىپ ، جاساق مۆھۈرىنى بېرىدۇ ، جىيەكلىك قىزىل تۇغ تەقدىم قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى گۇيا بەگنى 2- دەرىجىلىك بەگلىككە تەيىنلەيدۇ . ئۇ 200 دەك ئادىمى بىلەن تۇرىدۇ . كاڭشى خان 1706 - يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرتىدۇ . ئەبەيدۇللا سەككىز ئۇيغۇرنى باشلاپ خان ئالدىغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن بارىدۇ . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم قۇمۇل قوغۇنى خانغا سوۋغا قىلىنىدۇ . خان بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە  قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ماختاپ ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئاملار بېرىدۇ . خاننىڭ پەرمانى بىلەن قۇمۇلنىڭ ئۇششاق تال دېگەن يېرىدە بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلىنى ياسايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتۈشى تۈزۈم بولۇپ قالىدۇ .
        ئەبەيدۇللا بەگ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتقۇچە خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، قۇمۇلدىكى جاساق ئوردىسى (كونا شەھەر ئىچىدىكى تۆۋەن ئوردا) نى سالدۇرىدۇ . ئەبەيدۇللا  بېيجىڭدىن قايتقاندىن كېيىن ، كاڭشى خان قۇمۇلدا شەھەر ئەتراپىغا سېپىل سوقۇپ ، مۇكەممەل بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان بېرىدۇ . يەنە ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپى بويىچە ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئادەم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، شىنجاڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىدۇ . نەتىجىدە توقسۇن ، پىچاندىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى قارا دۆۋە ، لاپچۇقا ، ئاقسۇ ، كۇچاردىن  كۆچۈرۈلگەنلەرنى توغۇچى ، جىگدە تەرەپلەرگە ؛ قەشقەر ، خوتەن ، يەركەنلەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئاستانە ، سۇمقاغىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . يەنە خان ئەبەيدۇللا بەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناش يول ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىچكىرىدىن چاقىلىققا ئۆتىدىغان يىپەك يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، قۇمۇل ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇرۇنقى چوڭ يولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . ئەبەيدۇللا بەگ كاڭشىنىڭ 48 - يىلى ( 1709 - يىلى ) ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

    ئىمىن ۋاڭ . ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسى (تۆۋەن ئوردا) دە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ھەربىي  ماھارەتتە پىشقان بولۇپ ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى . 1715 - جۇڭغار ئاقسكڭەكلىرىدىن  سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ . نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ ۋە كېيىن قېچىپ كېتىدۇ . كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . پۇقرالارغا ئاشلىق ، قوي ، كالا ، تۈرلۈك كېيىم - كېچەكلىك رەخت ئىنئام قىلىدۇ . 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئكزلەشتۈرۈپ ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ .

    يۈسۈپ ۋاڭ . تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى ( 1740 - يىلى ) دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇمۇلنىڭ باسقاق بېگى بولىدۇ .1756 - يىلى تۇرپاندا جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ كۆتۈرۈلەەن ئىسياننى باستۇرۇشتا يۈسۈپ ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىپ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ . 1758 - يىلى يەنە يۈسۈپ ۋاڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان جازا يۈرۈشكە قاتنىشىپ ، جەڭدە ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن گاۋزۇڭ خان تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەمەل ئىنئام بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ، قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ .
     1760 - يىلى گاۋزۇڭ خان يۈسۈپ ۋاڭنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ پايتەختكە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ . خان ئۇلارنى نۇرانە سارايدا قوبۇل قىلىپ خاس تون ، تەڭگىلەر بىلەن تارتۇقلايدۇ . راھەتباغدا بىرقانچە قېتىم زىياپەت بېرىدۇ . يەنە خان يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ .
     1766 - يىلى 500 ئائىلىك دېھقان قۇمۇلدىن ئىلىغا دېھقانچىلىق قىلىشقا كۆچۈرىلىدۇ . 1767 - يىلى 12 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا ئىاننى زىيارەت قىلىشقا ماڭىدۇ . شەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە بارغاندا يۈسۈپ ۋاڭ چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىبراھىم دادىسىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇمۇ قازا قىلىدۇ .
     يۈسۈپ ۋاڭ  ھايات ۋاقتىدا قۇمۇل شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالىغا يانداش يۈزچى ئېەىزلىكتە ، توققۇز دەرۋازىلىق چوڭ ئوردىنى سالدۇرىدۇ ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى "ئابات باغ" نى ئارىتام ، باغداش باغلىرىنى بىنا قىلدۇرىدۇ . ھېيتگاھ  مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى سالدۇرىدۇ .

     ئىسھاق ۋاڭ . چيەنلۇڭنىڭ 32 - يىلى ( 1767 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەشىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان  دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، 1771 - يىلى بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئىان 1773 - يىلى ئىسھاقنى ھككۈمرانلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆگۈتىش ئۈچۈن ئىلىغا ، ئىلى جاڭجۈنى شۇجۇدېنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ . 1776 - يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ ۋاڭلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . 1780 - يىلى ئىسھاق ۋاڭغا چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىسھاق ۋاڭغا ئارىتام ، باغداش باغلىرىنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشلىرى ، باغ قۇرۇلۇشلىرى پۈتىدۇ . تۈرلۈك كۆچەتلەر تىكتۈرۈلىدۇ . شەھەر ئىچىدە تۇغلۇق مازار ( سۇلتان سېيىت ئەخمەت بەلىخى ) نامىدىكى مەھچىت سېلىنىدۇ .
    ئەردىشىر ۋاڭ . ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشىر چيەنلۇڭنىڭ 45 - يىلى ( 1780 - يىلى 11 - ئايدا ) ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئەردىشىر 1790 - يىلىدىن 1809 يىلىغىچە تكت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئەردىشىر ۋاڭ قۇمۇل ئالتۇنلۇقىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىدۇ . چاڭفۇ ۋە چوقايتۇردىكى باغچىلارنى ئكز نامىغا سالدۇرىدۇ .
        ئەردىشىر ۋاڭ جياڭ چىڭنىڭ 18 - يىلى ( 1813 - يىلى ) 2 - ئايدا ۋاپات بولىدۇ .

    بېشىر ۋاڭ . 1813 - يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر دادىسى ئەردىشىرنىڭ ئىنانچىخان ، دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ خانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن بولغاچقا ، خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ چىۋاڭ قىلىدۇ . مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ ئەگەر قوللىرىنى يېنىغا سېلىپ ئۆرە تۇرسا ئىككى قولىنىڭ ئۇچى ئىككى تىزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ، ساددا كەلگەن كىشى ئىدى . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىققا ، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ، ئۆي ئىمارەت ، باغ ، مەدرىسە قۇرۇلۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى . شۇڭا ، قۇمۇل خەلقى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا -سېتىق ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغانىدى . بېشىر ۋاڭ 1815 - يىلى ، 1819 - يىلى رېخىغا(ھازىرقى خېبىي) بېرىپ خانغا كۆرۈشتۈرۈپ قايتىدۇ . 1823 - يىلى ئىككى قېتىم  بېيجىڭغا  بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ ، خان ئالدىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە قۇمۇلنىڭ تېرىقچىلىق يەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوردىغا قارايدىغان ، مال - چارۋىلارمۇ ئوردىغا قارايدىغان بولىدۇ . تارىخچى موللا مۇسا سايرامى "تارىخىي ئەمىنىيە" دە : " بېشىر ۋاڭنىڭ يىلقىسىنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن . تاغدىكى قويلىرى 270 قوتان بولۇپ ، ھەر قوتاندىكى قوينىڭ سانى 700 دىن كەم ئەمەس ، 1200 دىن زىيادە ئەمەس ئىكەن "  دەپ يازىدۇ . بېشىر ۋاڭ قۇمۇلدا مەكتەپ ، مەدرىسىلەرنى ، بىنا قىلىپ ، تالىپلارنى يېتىشتۈرۈپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىكتە مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن . بۇ ھەقتە موللا مۇسا سايرامىنىڭ "تارىخىي ئەمىنىيە" سىدە : "بېشىر ۋاڭ ئىلىم - بىلىم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ ، مەدرىسەلەر بىنا قىلىپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىككە كۆڭۈل  بۆلۈپ ، مىللىي تىبابەتچىلىكنى يولغا قويغان . داۋالاش جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ چىقارغان . قۇمۇل خەلقى ئىچىدە ئالىملار ، موللىلار ، ساۋاتسىزلار كەمدىن كەم ئىكەن "  دەپ خاتىرىلەنگەن . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ  مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرىلىنىپ ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ چىنە گۈمبىزى تۇرغۇزىلىدۇ . شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسە بىنا قىلىنىدۇ . راھەتباغ ، ئۈزۈملۈك باغلار ياسىلىدۇ .
       1886 - يىلى سۈپۈرگە باشچىلىقىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ، سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، بېشىرۋاڭنى تۇتۇپ بېرىدۇ . 1967 - يىلى 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ .

    مېھرىبانۇ ۋاڭ . بېشىر ۋاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت تۇڭچىنىڭ 6 - يىلى 7 - ئايدا چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئانىسى مېھرىبانۇ ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ . ( مۇھەممەت ۋاڭ تۇغما پالەچ بولۇپ ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرالمىغاچقا) خان 1889 - يىلى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ .
       1873 - يىلى شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلاپ ، شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ . بەي يەنخۇ مېھرىبانۇنى 2000 دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن بىللە چىقتىمىغا ئېلىپ كېتىدۇ . 1877 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ بەي يەنخۇنى مەغلۇب قىلىدۇ . 1878 - يىلى 1 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى دېھقانلار بىلەن مېھرىبانۇنى قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ مېھرىبانۇ قۇمۇلنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . ئاق قالغان يەرلەرنى خەلقكە بۆلۈپ بېرىدۇ . ئالۋان - سېلىقنى ئېلىپ تاشلايدۇ . سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئوردىدا گادايلار ئامبىرى سالدۇرىدۇ . كۈندە نەچچە مىڭ نان ياقتۇرۇپ نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . مۇشۇ تەرتىپ بىلەن بىرقانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھالى ياخشىلىنىدۇ . ئۇياق - بۇياققا قېچىپ ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ .
      مېھرىبانۇ ۋاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن سۈپۈرگە ۋە بەي يەنخۇغا سېتىلغان يۈسۈپلەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قىساس ئالىدۇ .
         1882 - يىلى مۇھەممەت ۋاڭ ۋاپات بولىدۇ . مېھرىبانۇ ۋاڭ ياشىنىپ قالىدۇ . 1882 - يىلى 7 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى شامەىسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىەە ۋارىسلىق قىلىشنى تەستىقلايدۇ . مېھرىبانۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى شامەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ .

       شاھ مەىسۇت ۋاڭ . توققۇزىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت ( 1882 - 1930 ) قۇمۇلدا 48 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ . مېھرىبانۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سەرسان بولۇپ ، قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە ، بويىغا يېتىپ قالغان بىر قىزى بار ئىدى . بۇ قىزىنى ئۇرۇش ۋەھىمىسىدە تاغدا قويچى بولۇپ يۈرگەن تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شاھمەخسۇتقا ياتلىق قىلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي مېھرىبانۇ ۋاڭ شاھ مەخسۇتنى ئوردا بەگلىكىگە تەيىنلەپ ، ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قويىدۇ . 1882 - يىلى خانلىقتىن شاھ مەخسۇتنى جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىققا تەيىنلەش پەرمانى كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قۇمۇلنىڭ ۋاڭى سۈپىتىدە تەختكە چىقىدۇ . ئۇ تەختكە چىقىپلا ھاشا كۈنىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە ، كېيىنچە يەتتە كۈنگە كۆپەيتىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوردىنىڭ بايلىقىنى خېلى كۆپەيتىۋالىدۇ . باج - سېلىق يىغىش ، ئالۋانغا ھەيدەش ، ھاشا قىلىش ، تۆمۈر ھېساب بويىچە چارۋىلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇمۇل خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزىدۇ . نەتىجىدە 1907 - يىلى "تورپاقلار قوزغىلىڭى" ، 1912 - يىلى "تۆمۈر خەلپە" قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرىلىدۇ .
     شاھ مەخسۇت ۋاڭ 1930 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

      شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ بېيجىڭدىكى "قۇمۇل سارىيى" ‏---  بېيجىڭدىكى بۇ ساراي 1879 - يىلى سېلىنغان  بولۇپ ، ئورنى بېيجىڭ شۈنۋومىن ئىچىدىكى تەيپىڭخۇ شىخۇما كوچىسىدا ئىدى . بۇ ساراي ئون مو يەرنى ئىگىلەيتتى . بۇ ئۆيلەر خىشتىن ياسالغان بولۇپ ، جوڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغانىدى . بۇ ساراي ئالدى - كەينى ئىككى ھويلىغا ئايرىلىپ تۇراتتى . ئالدىنقى ھويلىدىكى ئۆيلەر ئىشخانىلار بولۇپ شىمال تەرەپتە ئالتە ئېغىز ، شەرقتە تۆت ئېغىز ئۆي بار ئىدى . ئارقا ھويلىدا ئىككى كورپۇس ئۆي بولۇپ ، ياتاق قىلىناتتى . ھەر بىر كورپۇس ئۈچ ئېغىز ئكيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، شەرق - غەرب بولۇپ بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى تۇراتتى .
     قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىنىڭ ھكسۈيۈن بازىرىدا بىرقانچە ئېغىز ئۆيى بولۇپ ، ھەج - تاۋاپ قىلىشىغا شۇ قايغا بارغان ھاجىلار تۇراتتى .رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! رەھمەت ! (ئايچېۋەر)
    مەنبە: <<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر>> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ