ئوسمان پادىشاھلىرى
ئوسمانلار 36 پادىشاھنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بەزى پادىشاھلار (مۇرات II، مەھەممەد II، مۇستاپا I) ئىككى قېتىمدىن تەختكە چىققانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ سانى 39 يەتتى. پادىشاھلارنىڭ ئاۋالقى سەككىزى «خەلفە» بولغان ئىدى. قالغان 28ى ھەم «خەلفە»، ھەم «پادىشاھ» بولدى.
پادىشاھلاردىن بىرمۇنچىلىرى شائىر، يازغۇچى ئىدى. ئۇلار شېئىر ۋە دىۋانىلىرىدا تۆۋەندىكىچە لەقەب تەخەللۇس قوللاندى:
مۇراتIIنىڭ «مۇرادى» فاتىخنىڭ «ئاۋىنى»، بەيازتى IIنىڭ «ئادنى»، سەلىم Iنىڭ «سەلىمى»، سۇلايمان Iنىڭ «مۇھىبى»، سەلىم IIنىڭ «سەلىمى»، مۇرات IIIنىڭ «مۇرادى»، مۇھەممەد IIIنىڭ «ئادلى»، ئەخمەت Iنىڭ «بەختى»، ئوسمان IIنىڭ «فارس،فارىسى» مۇراتIVنىڭ «مۇرادى» مۇستاپا IIنىڭ «ئىقبالى» ئەخمەتIIIنىڭ «نەجبى» ماخمۇت Iنىڭ «سەبكاتى»، مۇستاپا IIIنىڭ «جاھانگىر» سەلىمIIIنىڭ «ئىلھامى» ماخمۇت IIنىڭ «ئادلى».
پادىشاھلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنى 78 ياشتا ئۆلگەن ئورھان غازى بولدى. ئەڭ ياش ئۆلگىنى 18 يېشىدا شېھىت بولغان ئوسمان II (ياش ئوسمان) ئىدى. تەختكە چىققاندا ئەڭ چوڭى 65 ياشتا، (مۇراتV)، ئەڭ كىچىگى يەتتە ياشتا (مۇرات IV) ئىدى. تەختتە ھەممىدىن ئۇزۇن ئولتۇرغىنى قانۇنى دېگەن پادىشاھ بولۇپ، ئۇ جەمئى 45 يىل 11 ئاي يەتتە كۈن ھۆكۈم سۈرگەن، ئەڭ قىسقا ئولتۇرغىنى مۇرات V بولۇپ، ئۇ جەمئىي 95كۈن ھۆكۈم سۈرگەن.
ئوسمان غازىدىن مانۇنگە قەدەر بولغان ئاۋالقى ئون پادشاھ ھەربىي قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى سۈپىتىدە پۈتۈن سوقۇشلارغا قاتناشتى. بۇ ھەربىي ئەنئەنە سىستىمېسىنى بىرىنچى قېتىم بۇزغىنى سەلىم II (سېرىق سەلىم دېيلىدۇ) بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەت مۇرات III، ئوسمان II، مۇرات IV، مۇھەممەد IV مۇستاپا II ئۇرۇشلارغا كېيىن قاتناشتى. بەزىلىرى ھەربىي ئىشلارغا قاتناشقان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش مەيدانىغا بارمىدى. ئەمىليەتتە 15 پادىشاھلا ئۇرۇشقا قاتناشتى.
چۈشكۈنلۈك دەۋرىدە بەزى پادىشاھلار ئۇرۇشقا قاتناشقان تۇرۇغلۇق، بەزى پەتىۋالار بىلەن «غازى»لىق ئۇنۋانىنى ئېلىۋالدى. ئۇلار ماخمۇت I، مۇستاپا III، ئابدۇلھىمىت I، سەلىم III، ماخمۇتII، ئابدۇلمىجىت، ئابدۇلھىمىت II، مۇھەممەدV، پادىشلاھلارنىڭ سەككىزى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمىدى. ئۇلاردىن مۇرات Iسوقۇش مەيدانىدا شېھىت بولدى. فاتىخ بىلەن بايەزىت II زەھەرلەندى. ياش ئوسمان بىلەن سەلىم III سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئىبراھىيم I بىلەن مۇستاپاIV تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، بۇيرۇق بويىچە ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇلئەزىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق.
يەتتە پادىشاھنىڭ ئۆلىمى مەلۇم مەزگىل مەخپىي تۇتۇلدى. ئۇلاردىن مۇھەممەدI نىڭ 41 كىن، مۇرات IIنىڭ 15 كىن، فاتىخنىڭ 1 كىن، ياۋۇزنىڭ توققۇز كىن، قانۇننىڭ 48 كىن، سەلىم IIنىڭ 7 كىن، مۇرات IIIنىڭ 11 كىن.
پادىشاھلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بالىلىق بولىغىنى مۇرات III بولۇپ، ئۇنىڭ قىز ۋە ئوغۇللىرىنىڭ 130دىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
فاتىخ دەۋرىدىن ئېتبارەن قانۇنلاشقان «شاھزادە ئىدامى» ئەنئەنىسى ئەخمەت I دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدى. ئۇنىڭدىن ئەۋەل پەقەت قانۇنى بىلەن سەلىم II تەخىتتە بولغان چاغلىرىدا، باشقا قېرىنداشلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «قېرىنداش قېنى» تۆكمىدى.
ئەخمەت I نىڭ ھاياتىدا 14 رەقەم بىرلەشكەن ئەھۋال كۆرىلدى. ئۇ ھىجىرىيە تەقۋىمى بىلەن 14 يېشىدا، 14- پادىشاھ سۈپىتىدە تەخىتكە چىقىپ 14 يىل سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن 28 يىل (ئىككى قېتىم 14) ياشاپ ئاندىن ئۆلدى.
ئىبراھىم I تارىختا «دەلى-ساراڭ ئىبراھىم» دېيىلەتتى. چۈنكى پەدەزگە بەكمۇ ئامراق ئىدى. شۇڭا دۆلەتنىڭ خەزىنىسىنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلىدى.
مۇرات IV پادىشاھلارنىڭ ئەڭ زالىمى ئىدى. مەشھۇر تارىخچى خاممەرنى، ئۇنىڭ يەتتە يىل ئىچىدە مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازغان. ئوسمانلىق دەۋرىدە 203 سادارازامدىن 44ى پادىشاھلارنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئەڭ ئاۋال ئۆلتۈرۈلگەن سادرازام-فاتىخنىڭ ۋەزىرى چاندارلىق خېلىل پاشا بولدى.