ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە
  • ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(2)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(3)
  • ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ھېكايە
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(1)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(4)
  • ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، تۆھپىكار مائارىپچى
  • شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette
  • ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىك تەشەببۇسلى ...
  • 2. ئاپپاق خوجا - خۇنخۇر، قاتىل زاتتۇر (8)
  • يازغۇچى ئەخەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى م ...
  • سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ
  • ئاپپاق خوجىنىڭ يازما ئەپسانىلەردىن ئۈزمىلىرى (3)
  • ئۇيغۇر خانلىرى
  • ئاپپاق خوجىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا (4 )
  • مىرزا ھەيدەر كوراگان
  • مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدى كەينىدە
  • قۇمۇل ۋاڭلىرى
  • شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
  • 1. ئاپپاق خوجا توغرىسىدىكى بەزى مەنبەلەر ھەققىدە
  • قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس، دوكتور گېگېل ئىسھاق ...
  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
  • تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى
  • ئاپپاق خوجا « ھاكىمىيىتى » نىڭ جىنايى پاجىئەلىرى توغرى ...
  • 4. ئاپپاق خوجا - مەرىپەت ۋە ئەھلى مەرىپەتچىلەر كۈشەندىس ...
  • ئاپپاق خوجىنىڭ ئەمىرى - مەرۇپلىرىدىن كەلىمىلەر (2)
  • مۇھەممەتجان راشىدىن
  • 8. ئاپپاق خوجا - نەسلى - نەسەب ۋاباسىدۇر (11)
  • ئۇيغۇر خانلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:3169
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە


       ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چڭو ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :

      بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرەەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

       ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

      ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .

      تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان " ئالتۇن دەۋر " ى بارلىققا كەلگەن .

      بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن " مۇقام " مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر " 12 مۇقام " ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .

      ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .

     


    سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە


      يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .

      سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
    سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .


     
    چاغاتاي خانلىقى ھەققىدە

      چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن " چاغاتاي خانلىقى " دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .

      خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .

     
    چاغاتاي ھەققىدە

      چاغاتاي ----- " چاغاتاي خانلىقى " نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى " ئوتتۇرا يىپەك يولى " دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس " پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى " نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .

     

    كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى

      كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ " ئاشىنا " ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە " كۆكتۈرك مەدىنىيىتى " دەۋرىگە قەدەم قويغان .


    خانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :

    1 . ئاشىنا تۈمەن
    ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە "بومىن قاغان" ، " ئىلىگ قاغان " ، " ئېل قاغان " ، " تۈمەن قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .

    2 . قارا قاغان
    قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە " قالا " ، " ئەل ئىشىگ قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .

    3 . ياندۇ ئېركىن
    ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا " مۇقان قاغان " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

    4 . تابار قاغان
    تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە " تاسپار قاغان " ، " تابا قاغان " ، " تابامى قاغان " دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان .

    5 . ئىشبارا قاغان
    ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا " ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان " ، " ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان " دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .

     

    چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى

    چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي خانلىقى" دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .
    تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :

    1 . چاغاتاي .
    چاغاتاي ---- "چاغاتاي خانلىقى" نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    2 .قارا ھېلاكۇ .
    قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .

    3 . يېسۇمۆڭكۇ .
    يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    4 . قارا ھېلاكۇ
    قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .

    5 . ئورفىنا
    ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .

    6 . ئارغۇ
    ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    7 . مۇبارەكشاھ
    مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .

    8 . بۇراق
    بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    9 . نىكباي
    نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    10 . دۇۋا
    دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

    11 . كۈنجۈك
    كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    12 . تالقۇ
    تالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

    13 . كەبەك
    كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

    14 . ئېسەن بۇقا
    ئېسەن بۇقا تارىختا "ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

    15 . كەبەك
    كەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .

    16 . تارماشىرى
    تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    17 . چىنگىش
    چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .

    18 . يەسۇن تېمۇر
    يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .

    19 . ئېمىل خوجا
    ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    20 . تۇغلۇق تېمۇر
    تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    21 . ئىلياس خوجا
    ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    22 . خىزىر جوجا
    خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    23 . شەمىئىي جاھان
    شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    24 . مۇھەممەد
    مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    25 . شىر مۇھەممەد
    شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    26 . نەقشى جاھان
    نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .

    27 . ئۇۋەيس
    ئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .

    28 . ئېسەن بۇقا
    ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

    29 . دوست مۇھەممەد
    دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    30 . كېپەك سۇلتان
    دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    31 . ئەھمەد
    ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .

    32 . مەنسۇر
    مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق "خان" قىلىپ تەيىنلىگەن .

    33 . شاھ سۇلتان
    شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    34 . سۇلتان مەسئۇد
    سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .


    يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
    يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .

    1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .

    2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .

    8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .

    9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .

    10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .

    11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .

    12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ