پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا يېقىن بىر كەنتىدە تالىبان تۈنۈگۈن بىر جۈپ ئوغۇل - قىزنى « ناشايان ئىشلارنى قىلدى » دەپ ئەيىبلەپ ئېتىۋەتتى، پۈتكۈل جگرياننى شۇ جايدىكى بىر مۇخبىر يانفوننىڭ سىنئالغۇسىغا ئېلىۋالدى.
ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاد تۈنۈگۈن ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئىران ئالدىن ھەل قىلىنىدىغان شەرت بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ
پاكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى زەردار بۈگۈن مۇنداق دېدى: پاكىستان ئاخبارات ئورگىنى بىن لادېننىڭ ئۆلگىنىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما بىز بۇنى دەلىللەيدىغان ئەمەلىي پاكىتقا ئېرىشەلمىدۇق.
» بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمى « دا تىرىك قولغا چۈشكەن كاسابنىڭ ئادۋوكاتى ئابباس كازىم بۈگۈن: ھىندىستان سوتىدا كاسابنى ئاقلاش » ھەگىز ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش « ، چۈنكى ئۇنىڭ قىلمىشىنى كۆرگەنلەر بەك كۆپ، دېدى .
( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 27 - ئاپرېل خەۋەرلىرى )