يېڭى تەتقىقات نەتىنجىسىدە ئالماسنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكى، كۈچلۈك يورۇقلۇق ئاستىدا پارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقالدى

1361 2011-07-22 15:44:56   شىنخۇا تورى   ياسىنجان
T|T:خەت رەزمىرى

      ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى تەشكىلاتىنىڭ تور ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيە مەكۇارى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، يەر شارىدىكى ئەڭ قاتتىق تەبىئىي ماددا بولغان ئالماس ئادەملەر ئويلىغاندەك ئۇنداق «مەڭگۈلۈك» ئەمەسكەن. كۈچلۈك نۇر ئاستىدا، ئالماس پارغا ئايلىنىدىكەن. تەتقىقات نەتىنجىسى ئامېرىكىنىڭ «ئوپتىكا ماتېرىيالى تېز خەۋەرلەر گېزىتى» دا بېسىلغان.
      ئاۋىستىرالىيە مەكۇارى ئۇنۋېرسىتېتى ئوپتىكا ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن پراففېسسورى رىچارد مېدلىن ۋە خىزمەتداشلىرى، تەتقىقات ئارقىلىق ئالماسنىڭ كۈچلۈك يۇرۇقلۇق چۈشۈرگەن شەرت ئاستىدا پارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. مېدلىن مۇنداق دېگەن: «بەزى ماددىلارنىڭ يۇرۇقلۇق ئاستىدا پارغا ئايلىنىش ھادىسىسى  بولىدۇ، ئالماستىمۇ بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش.» كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ C سىزىقى(ئوزۇن قەۋىتى سۈزۈۋالغاندىن كېيىنكى كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر) بار شارائىتتا،ئالماس يۈزىدىكى  كىچىك ئويمان يەرلەر قىسقىغىنە بىر نەچچە سېكونت ئىچىدە يوقاپ كەتكەن. ئالماس سۇپىتىنىڭ بۇزۇلۇش سۈرئىتى نۇر كۈچلۈكلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن، بىراق چىرىش جەريانى يەنىلا داۋاملاشقان، پەقەت تېزلىكى پەيدىن-پەي ئاستىلىغان.
      مېدلىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالماسنىڭ پارلىنىپ يوقاش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈپ ھېس قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا چۈشۈرگەندە، مەسىلەن كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا يورۇتقاندا ياكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق چىراق ئاستىغا قويغاندا، 10 مىليارد يىلدىن كېيىن،  ئالماس سۇپىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆرۈپ ھېس قىلىش مۇمكىن بولىدىغان دەرىجىگە بارىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىنجىسىنىڭ بايقىلىشى پەقەت ئالماسنىڭ ئوزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، يەنە كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتقىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.
      مېدلىن مۇنداق دېدى:«بۇ بىر ئىنتايىن قوللىنىشچانلىقى بار بايقاش، ھازىر بىز بۇ بايقاشتىن قانداق قىلىپ پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز. ئەگەر بىز ئالماسقا بەزى قۇرۇلمىلارنى بېكىتەلىسەك، ئۇ ھالدا نۇرنى ئالماس ئۈستىدە ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان سىزىق رايونىدا كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە بېشى ئىنتايىن كىچىك بولغان، ئۈنۈمى ناھايتى يۇقىرى بولغان ئوپتىكىلىق قۇرۇلمىنىڭ تۇنجى قەدىمى، بۇنى كۋانتلىق ھېسابلاش ۋە يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك لازىر نۇرى تېخنىكىسىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئېھتىمال بۇ بايقاشنىڭ بىزنىڭ باشقا پىلانېتلارنىڭ يۈزىدە ئالماس ئىزىنى ئىزدىشىمىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.»

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博