دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىن 17-ئاۋغۇست كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى ئالتە كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. زىيارەت مەزگىلىدە، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بېدىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ. مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ بېدىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ ھەم سۆھبەتلىشىدۇ. شى جىنپىڭ يەنە بېدىنغا ھەمراھ بولۇپ، سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى جاڭ يېسۈي، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لو جياخۇي قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
بېدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن دۆلەتلىك ئولىمپىك مەركىزىگە بېرىپ، جۇڭگو سەنشى جۇڭيۈ مېڭلوڭ كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا گىئورگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبولى دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى.
ھەمبەھىرلىنىڭ