كوكا كولا ئىچىملىكىگە خىلورلۇق تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن

7392012-04-20 11:44:19   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

مەلۇم بىر تاراتقۇنىڭ 17-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، كوكا كولا (سەنشى) ئىچىملىك شىركىتىنىڭ بىر ئىشچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە تورۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن دىزىنفىكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان خىلورلۇق تازىلاش سۇيۇقلۇقى مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان توققۇز تۈركۈم ئىچىملىككە ئارىلىشىپ كەتكەن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى لاياقەتلىك مەھسۇلات قاتارىدا بازارغا كىرگەن. مۇخبىر 17-چېسلا بۇ ئىش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىيۈن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، 4-فېۋرال بىلەن 8-فېۋرال ئارىلىقىدا، مەزكۇر شىركەت توققۇز تۈركۈمدە 121 مىڭ 58 ساندۇق كاربونلۇق ئىچىملىك ئىشلەپچىقارغان، ھازىرغا قەدەر بەش تۈركۈمدىكى 76 مىڭ 391 ساندۇق ئىچىملىك بازارغا سېلىنىپ بولغان، ئامباردا يەنە تۆت تۈركۈمدىكى 44 مىڭ 667 ساندۇق ئىچىملىك ساقلانغان.

سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى سېتىش ھېسابات دەپتىرىدىكى تىزىملىككە ئاساسەن، سېتىپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنىڭ سەنشى بازىرىدا ئىكەنلىكىنى، باشقا جايلارغا سېتىلمىغانلىقىنى دەلىللىدى.

جاڭ چىيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئۆلچىمىدە ئىچىملىك تەركىبىدىكى خىلور مىقدارىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولغاچقا، سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېھتىيات يۈزىسىدىن سەنشىدىكى ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈش مەركىزىگە ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشنى بىۋاسىتە ھاۋالە قىپتۇ.