بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تەرەپتىن ئىگىلىشىچە ، بېيجىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن بېيجىڭ كوچا ئاپتۇبۇس گوروھى توختام ئىمزالىغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن يولوچىلار Wi-Fiسىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى بار ئەقلىيفون ، خاتىرە كومپىيوتېر ۋە تاختا كومپىيوتىرلارنى جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ Wi-Fi تورىغا ئۇلاپ تورغا چىقالايدۇ. يەنى شەھەر ئاھالىلىرى كوچا ئاپتۇبۇسىدا ھەقسىز سىمسىز تورغا چىقالايدۇ.
بىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق كۆچمە خەۋەرلىشىش سىمسىز تورغا چىقىش سېستىمىسىنى كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ، كۆچمە Wi-Fiتورىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى چوڭايتىشقا پايدىلىق . يولوچىلار كوچا ئاپتۇبۇسىدا ھەقسىز تورغا چىقىپلا قالماي يەنە Wi-Fiتورى ئارقىلىق ھەقسىز كوچا ئاپتۇبۇس ئۇچۇر سېستىمىسىنى زىيارەت قىلىپ ، كوچا ئاپتۇبۇس لېنىيەلىرى، كوچا ئاپتۇبۇس مۇلازىمىتى ۋە كوچا ئاپتۇبۇسى لېنىيەسى بويىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئېتىبار پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ.