گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 18-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىرىپ رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا «ئايال خىزمەتچىلەرنى ئەمگەك جەھەتتىن قوغداش ئالاھىدە بەلگىلىمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
يىغىندا «ئايال خىزمەتچىلەرنى ئەمگەك جەھەتتىن قوغداش ئالاھىدە بەلگىلىمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. لايىھەدە ئايال خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ئەمگەك دائىرىسى تەڭشەلدى، ئايال خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان تۇغۇت رۇخسىتى ئەسلىدىكى 90 كۈندىن 98 كۈنگە ئۇزارتىلدى ھەمدە تۇغۇت رۇخسىتى مەزگىلىدىكى مۇئامىلە قېلىپلاشتۇرۇلدى.