شۇ جاي ۋاقتى 1-فېۋرال،ئامېرىكا تۆمۈر يول تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ بىر پويىزى مېىچىگان ئىشتاتى جېكسون شەھىرى سىرتىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ پويىزنىڭ قىسمەن بۆلىكى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن،10 ئادەم يارىلانغان ھەمدە يەرلىك دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈلگەن.
پويىزدا 68 نەپەر يولۇچى ۋە 5 نەپەر پويىز خادىمى بار بولۇپ،دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن 2 كىشى ئامېرىكا تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىكەن،بارلىق يارىلانغۇچىلار يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس بولۇپ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىكەن.