ئاساسىي تېما : نۇر بەكرى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدىئاۋاتلىقى:588ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 122
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 124 نوقتا
پۇل : 1240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:132(سائەت)

 نۇر بەكرى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى


   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 25 -  ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونلۇق ‹‹ياڭجېن›› 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەنكۈن، مۇۋەققەت رايون باشلىقى ليۇ جيەننىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ سىنىپىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى ۋە: ‹‹پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرساڭلار، سىلەردىن مىننەتدار بولىمىز››، دەپ رىغبەتلەندۈردى. ‹‹ياڭجېن›› 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى 2005 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان، ھازىر ئۇ مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ مەكتەپ بولۇپ قالدى، بۇ مەكتەپتە شىنجاڭلىق 771 ئوقۇغۇچى بار، ئۇلارنىڭ %60 ئى چەت، يىراق يېزا، قىشلاقلاردىن كەلگەن مىللىيچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار.
  ساۋاقداش ئادىل سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان ‹‹قان - قېرىنداش بولۇپ ئىناقلىق گۈلى ئېچىلدۇرايلى›› دېگەن قىسقا فىلىمدە شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئېيتقان ‹‹تۇغۇلدۇق چۆل - جەزىرىدە، قەلبىمىزگە ئورنىغان توغراق روھى؛ بىرىمىز كەلدۇق مۇزتاغدىن، قامىتىمىز خىسلەتلىك تاغ لەيلىسى››، دېگەن مەزمۇندىكى ‹‹شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ناخشىسى›› ياڭرىدى. مەكتەپ مۇدىرى سۈن مېڭيۈەن: بالىلار مەكتىپىمىزدە جۇڭخۇا ئېلىنىڭ قوينىنىڭ كەڭلىكىنى ھېس قىلماقتا، ئۇلار چۈشىدىمۇ بىللە كىتاب ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىق مېھرىنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلار مەكتىپىمىزدىكى مەدەنىي، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئوقۇغۇچىلار، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئاقلايدۇ.
  خوتەندىن كەلگەن تولۇق 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى سۈرىيە كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، بۇ قىزنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق كۈلكىسى  يېغىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە سالماقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۆت يىل ئىلگىرى بىز تېخى ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ باقمىغان كىچىك بالىلار ئىدۇق، ھازىر ھەممىمىز ئەدەبلىك، سالاپەتلىك قىزلاردىن بولۇپ قالدۇق، بۇ يەردە دۆلەتنىڭ نېمىلىكىنى، تىرىشچانلىقنىڭ نېمىلىكىنى، جاپاغا چىداشنىڭ نېمىلىكىنى يەنىمۇ بىلىۋالدۇق، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، چۈشىنىشنى، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋالدۇق، تۆت يىللىق تۇرمۇش ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى.
  نۇر بەكرى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مۇسۇلمانچە تائاملار ئاشخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئەتراپىغا يىغىلىپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بىردەك ماختاپ كەتتى. نۇر بەكرى ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈن ‹‹ياڭجېن›› 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاش، ئۇلاردىن ھال سوراش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋاكالىتەن تىرىشچان باغۋەنلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. 2001 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشتىن ئىبارەت دانا تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەينى چاغدا 12 شەھەر يىلىغا  1000دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانىدى. ھازىر 25 شەھەردىكى 45 مەكتەپ يىلىغا 5000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقتا، بۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىلەر كەلگۈسىدە ۋەتەننى، شىنجاڭنى قۇرۇشنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىسىلەر، گۈزەل ئىشلار سىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا، سىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ئۈمىدىنى زىممەڭلەرگە ئالغان، سىلەر پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرساڭلار، شۇنىڭدىن مىننەتدار بولىمىز.
  نۇر بەكرى يەنە مەكتەپكە توغراق رەسىمى نەقىشلەنگەن ئېسىل گىلەم سوۋغا قىلدى، ساۋاقداشلارنى توغراق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى

Posted: 2009-04-29 04:35 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 299
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 305 نوقتا
پۇل : 3050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1356(سائەت)

 

ئاۋىستىرايىلىنىڭ يەرلىك مىللىتىدىن بولغان بىر ئايال يازغۇچى يازغان  « ئوغىرلانغان بىر ئەۋلاد » دىگەن كىتابى ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.
Posted: 2009-04-29 10:48 | 1 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 665
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 665 نوقتا
پۇل : 6650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:389(سائەت)

 

    گۈلدانەگە كۈندىن - كۈنگە ئامراق بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن .

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-04-29 11:39 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 366 نوقتا
پۇل : 3660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4703(سائەت)

 

گۈلدانەگە ھەممىمىز ئامراق، مۇنبەرگە بىر كۈنى قۇلۇلە، بىر كۈنى چۈمۈلە ئەكىرىپ ئويناۋاتىدۇ.

Posted: 2009-04-29 12:18 | 3 -قەۋەت


ئارتۇقچە ئىناقلىق بىر مەنىسىزلىك!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 860
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:220(سائەت)

 

ئەجەپ شۇشەن ياسىنىۋاپتا نۇراخۇنكام.

تۇغۇلۇشۇمدىنلا مەندە بىر خىل ئۇلۇغ كۈچ_قۇدرەت بار!

Posted: 2009-04-29 18:00 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 218
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 222 نوقتا
پۇل : 2220 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:966(سائەت)

 

يەنە بىر تېمىدىكى نۇراخۇن دىگەن كىمكىن دەپ ئويلىنىپ كېتىپتىمەن.
Posted: 2009-04-29 18:08 | 5 -قەۋەت


باس-باس   مۇنبىرىنىڭ چ چ    توپ   نۇمىرى: 84491496
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 204
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 214 نوقتا
پۇل : 2140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 4 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:30(سائەت)

 

قاچان يوقلاپ بېرىپتۇ؟ ۋاقىتنى ئېنىق قىلىپ يېزىڭ.

ھەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،ھەرتەندە ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن.ئەگەر ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

Posted: 2009-04-29 19:41 | 6 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3212
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3238 نوقتا
پۇل : 32380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1217(سائەت)

 

25 - ئاپرىل چۈشتىن كېيىن دەپتىغۇ ...

Posted: 2009-04-29 20:06 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 172 نوقتا
پۇل : 1720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:297(سائەت)

 

نۇراخۇنكامنىڭ قەدىمى ھارمىغاي ....................

ھەجەپ سېغىندىم لىنىيەنى

Posted: 2009-04-29 21:22 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 1199
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1203 نوقتا
پۇل : 12030 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:581(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئايتۈرك نىڭ 2009-04-29 11:39 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
     گۈلدانەگە كۈندىن - كۈنگە ئامراق بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن .

مى تۇ....

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-04-30 02:53 | 9 -قەۋەت


قىلىۋاتقانلىرىم كەلگۇسۇم ئۇچۇن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 72
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 72 نوقتا
پۇل : 720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 

گۇلدانە سىز دىگەن كىتاپنى قانداق تاپقىلى بۇلىدۇ.

ئوزىنى قاچۇرۇپلا ھەممىدىن  قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ھەر ۋاقىت ئالدىغا قاراپ مېڭىشىڭىز كىرەك!

Posted: 2009-05-04 01:28 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 299
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 305 نوقتا
پۇل : 3050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1356(سائەت)

 

تورداشلىرىمغا مەن تېخىمۇ ئامراق جۇمۇ~
    ئۇ كىتابنىڭ نۇسخىسىنى تاپالمىدىم، بىراق شۇ رومانغا ئاساسەن ئىشلىگەن كىنونى توردىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. كىنوسىمۇ بەكلا ياخشى. خەنزۇچە تور بەتلەردىن 末路小狂花 دەپ ئىزدىسىڭىز BT ياكى شۈنلېيدىن چۈشۈرىدىغان ئادرىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    2008 يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن « ئاۋىستىرالىيە » دىگەن فىلىمدىمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۆزلىنىدۇ. كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
Posted: 2009-05-04 11:04 | 11 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مائارىپقا نەزەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation