مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى كورداۋا
27 – ئاپرېل ، مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى كورداۋا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، مېكسىكىدا چوشقا زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 149 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان . مېكسىكا ھۆكۈمىتى 27 – ئاپرېلدىن باشلاپ دەرس توختىتىش دائىرىسىنى ئەسلىدىكى يۇقۇملىنىش رايونىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىپ ، ئالىي ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ ۋە يەسلى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا دەرس توختىتىپ ، چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغان .
ئامېرىكا يەر تەۋرەش سۇپىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، مېكسىكىدا شۇ يەر ۋاقتى 27 – ئاپرېل سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتە بال يەر تەۋرىگەن . خەۋەردەyanfun دېيىلىشىچە ، يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 230 كىلومېتىر كېلىدىغان مېكسىكىنىڭ Guerrero شتاتىدا بولۇپ ، مېكسىكا شەھىرىدە يەر تەۋرەش سېزىمى ناھايىتى روشەن بولغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 27 – ئاپرېل كەچ جەنۋەدە ، نۆۋەتتە تارقالغان تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاھاگلاندۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىدىن تۆتىنچى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل باش خادىمى Keiji Fukuda نىڭ ئېيتىشىچە ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ئەھۋال كومىتېتىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىدىن تۆتىنچى دەرىجىگە كۆتىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئالتە دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ ، بۇنىڭدىكى ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ چىقىرىلغانلىقى نۆۋەتتە بىر خىل يېڭى ئىككىلەمچى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ، بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ؛ تۆتىنچى دەرىجىسى — بىر خىل يېڭى كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ كىشلەر ئارىسىدا تارقىلىپ ، ‹‹ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ›› يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدا كىشلەرنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئېغىر ئاپەت رايونى ›› بولغان مېكسىكىدا 27 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇنغىچە 149 ئادەم چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، قازا قىلغان .
يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىنادىن سىرتقا چىقىۋاتقان كىشىلەر
پايتەخت ئايرودرومىدىكى كىشىلەر