شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مېكسىكا شەھىرى، 10 مارت تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زەھەر ئۇرۇشى كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقتى، ئۆلگەنلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. لابوراتورىيە قىلىشقا تېگىشلىك جەسەتلەر بەك كۆپ بولغاچقا، جەسەتخانىلار تولۇپ كەتتى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر بۇنداق زەھەر ئۇرۇشىدا 6290 ئادەم قازا قىلغانىدى، بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغا قەدەر زەھەر ئۇرۇشىدا قازا قىلانلار 2000 غا يېقىنلاشتى.