بۇرۇت « كاشىلىسى»
ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى
تارىخ ھامان تەدبىرلىك ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرلەپ كەلگەن. ئوت قارىماققا ئادەتتىكى نەرسىدەك كۆرىنسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم قۇيىشىنىڭ كاتتا بەلگىسى بولغانىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، مەدەنىيەت ھامان ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق ۋاستىلەرنى ئىجاد قىلىش بىلەن بېيىپ كەلگەنىدى. ئەگەر قەدىمكى كىشلەردە ئوت ئوغۇرىلاپ قاتتىق جازالانغان پرومىتى ھەققىدىكى ئەپسانىمۇ توقۇلمىغان بولار ئىدى. مانا تا بۈگۈنكى دەۋرگىچە پرومىتى بۈيۈك تراگېدىيلىك قەھرىمان سۈپىتىدە سەبىيلەر كۆڭلىگە ئوت يېقىپ كەلدى.
ھازىرقى كىشلەر تېخىمۇ ئۈنۈمپەرەس بۇلۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىدا سېستىشقا ئەرزىيدىغان ھەممە نەرسىنى بازارغا يۈزلەندۈردى، ھەتتا بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ھەقرىمانلىرىنى سېتىپ خەجىلىمەكتە. پەقەت قەھرىمان قالمىغاندا، بىراقلا ئەجدادىنى ھەم ئەۋلادىنى دو تىكىدۇ. قاراڭلار، ئولارغا! ئۇلار ئۆز ھاياتىغا باشقىلارنىڭ باھا قۇيۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ، مال باھا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچۈرەتتە تۇرۇشماقتا. ئۇلار ئۆز يېنىدىكىلەرگە خىرىس بىلەن ھۈرپىيشمەكتە.
زامان تەرەققىي قىلغانسېرى تەدبىرنىڭمۇ تۈرى كۆپىيىپ كەتتى، مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەخمىقانە، قانچىلىك تەسلىم تۇرانە بولمىسۇن، ئىشقىلىپ، جانغا ئارا تۇرۇدىغان بولسا، بولدى. سېتىشمۇ بىرخىل تەدبىر، ئالداشمۇ بىرخىل تەدبىر، ھىجىيىشمۇ بىرخىل تەدبىر، يىغلاشمۇ بىرخىل تەدبىر، باشقىلارنى سولاپ بېرىشمۇ بىرخىل تەدبىر-بوسوغا ماراشمۇ بىرخىل تەدبىر... ۋاي، بەك تولا.
ھەربىر تەدبىرنىڭ ئۆزىگە لايىق شەجەرىسى ۋە رىسالىسى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئىچىدىن ئەدەپلىكرەك تۈس ئالغان بىرەرسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلار.
مەلۇم بىر ناھىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ-تۆت ئاي خىزمەتتە بولۇپ قالدىم، ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمۇ مۇشۇ دائىرىدە بولدى. مەن تۇنۇيدىغان يۈسۈپ ئىسىملىك ياش بىر ئوقۇتقۇچى ناھايىتى خاپىسىرىغان ھالدا ئالدىمغا ئۇچرىدى. مەن ئۇنىڭدىن «نېمە بولدىڭىز؟» دەپ سورىدىم.
- ھەي، قارىمامسىز، - دېدى ئۇقاقشاپ، - ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ساقال-بۇرۇتىنى قىرماي يۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش تارقاتماڭلار، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتىكەن، مائاشىمنى ئالالماي يېنىپ چىقتىم.
كۆزۈم ئۇنىڭ بۇرتىغا چۈشتى، ئەمما ساقاللىرى پاكىز قىرىلغانىدى، مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا سورىدىم:
- بۇ نېمە قىلىق؟
- بۇ، پاكىز ۋە مەدەنىيەلىك بۇلۇشنىڭ بەلگىسىمىش، تايىنلىق كۇسا مىللەت بولۇپ قالماپتىكەنمىز.
ئۇ گېپىنى تۈگتىپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنى چوقۇم ساتىراشخانىغا ماڭدى، دەپ ئويلىدىم.
تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلار ناھايىتى كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنشتىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. زامانىمىزىكى ئاتالمىش يېتەكلىگۈچىلەر ۋە قوماندانلار يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرگە تولۇپ تاشقان بىر چاغلاردا ئىشتان- چاپانلارغا ئەتەي ياماق سېلىپ كېيىشمۇ بىرخىل تەبىر ئىدى. ئاز-تولا بىرنەرسە بىلدىغانلارنى قاماپ قەتل قىلىشمۇ بىرخىل تەدبىر ئىدى، مەزمۇت ئايۋان-سارايلارنى خارابىگە ئايلاندۇرۇپ، خارابىدىن ئۈنۈپ چىققان ياۋايى ئوتلارنى كەشپىيات تەرىقىسىدە مەدىھلەش خېلى ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن مۇقەددەس پەلسەپە ئىدى، بۈگۈنمۇ ئەتە شۇنداق غەلىتە تەدبىرلەرنىڭ قىزغىن ۋارىسلىرى كۆپلەپ تېپىلىدۇ.
ساقال-بۇرۇت خۇددى چاچقا ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ھەدىيىسى. يېقىدىن بېرى بىرقىسىم ئۇزۇن چاچ مۇتەپەككۇرلىرى قىسقا چاچ قويغان قىز- ئاياللارغا نىسبەتەن: «چېچىڭ قېىنى؟» دەپ سوئال قۇيۇشتى. ئاياللار بۇنىڭدىن ئىلگىرى: «چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دېگەن بەتنامنى تولا ئاڭلاپ، بىراقلا ھەممە نەرسىمىزن قىسقا بولسۇن دېيىشتىمۇ قانداق، چېچى ۋە ئىشتان- كۆڭلەكلىرى يىلسېرى قىسقىراشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭدىنمۇ دېگەندەك ئارام تاپمىدى. ئەمدىلىكتە نۆۋەت بۇرۇتقا كەلگەندەك قىلسىمۇ، تېخى بۇنىڭ داۋرىڭى ئانچە بولۇپ كەتمىدى. ۋەرۋەقە، ئادەمنىڭ ئۇيەر- بۇيەرلىرىگە ئىنچىكە سەپسانە كەتمىدى، دەرۋەقە، ئادەمنىڭ ئۇيەر- بۇيەرلىرىگە ئىنچىكە سەپسالدىغان، كېچىلىرى دۇربۇن بىلەن باشقىلارنىڭ ھۇجرا ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارايدىغان ئادەملەر خېلى ئاۋۇپ قالدى.
ساقال بىلەن بۇرۇت پاكىزلىق ۋە يارىشىش شەرتى ئاستىدا ئەرلەردىكى گۈزەللىكنىڭ ئامىللىرى سانىلىدۇ. بولۇپمۇ ھاياتقا چەكسىز ئۈمىدۋارلىق ۋە زوق بىلەن قارايدىغان، قەلبىدە شەيدائى مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تېتىك، جۇشقۇن ياشلار ئۆزىگە مەردانە، ئىشەنچىلىك سالاپەت بېغىشلاش ئۈچۈن چاچ، ساقال، بۇرۇت قاتارلىق تەبئىي ئىنئاملارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار چاچلىق، ساقاللىق كېلدىغان ئەركەك مىجەز مىللەت بولغاچقا، بەزى تارىخىي ۋەرلەردە «خۇ» (胡) لار دەپمۇ ئاتالغان، ئەلۋەتتە، بۇ ئەرلەرنىڭ تۆھپىسى. بىز مىجەزى چۇس، باھادىر كشىلەرنى «مەيدىسىدە تۈكى بار» دەپ تەرىپلەيمىز. شوخ، مەردانە ئويغۇر ياشلىرى ھېلىھەم چىرايلىق بۇرۇت قۇيۇشتەك ئەنئەنە بىلەن جاھان گۈزەللىك سەھنىسىدە چېنىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرمەكتە. ئېھتىمال، بەزىلەر قوياي دېسە قاملىشىدىغان بۇرۇتى بولمىغاچقا، بۇرۇت قويماي «سىدام يۈز» بولۇۋېلىشقاندۇ. بىراق ئۇ ھەممە ئەرلەرنىڭ ھۆسىن گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى بۇلۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ ئەپسۇسكى، ھېلىقى ناھىيىدىكى مائارىپ مەسئۇللىرىنىڭ نەزەرىدە، بۇرۇت ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىياپەت گۈزەللىكىگە پۇتلىشىدىغان يامان سۈپەتلىك نەرسە بولۇپ قالغان. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭىدىن كېيىم ئالماشتۇرۇپ، مۇھىت، ھاۋارايى ۋە ھېسسي كەيپىياتلارغا لايىقلاشقان، خۇش پۇراق سوپۇنلار بىلەن كۈندە يۇيۇنۇپ تۇرالايدىغان تۇرمۇش شارائىتى بولسا ئىدى، ئو چوقۇم ئوكسفورت ئونىۋېرسىتىتى ياكى كولومبىيە ئونۋېرسىتېتىدىكى مۆھتەرەم ئەپەندىلەرگە ئوخشاش سالاپەتكە داخىل بولالايتتى. چۆچەكلەردىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ تاپىنىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ھاۋاغا ئۆرلەيدىغان ئىش بولمايدۇ-دە، ماركىسنىڭ شۇنچە بومبۇر ساقىلى كوممۇنىزم تەلىماتىنى يارىتىشقا پۇتلاشماپتىكەن، ئەمدىلىكتە ئەر ئوقۇتقۇچىلار قۇيۇۋالغان بۇرۇتنىڭ ئىسلاھاتقا پۇتلاشقىنى نېمىسى!؟
يوقىرىقى ئىش قارىماققا ناھايىتى كىچىك ئىش. لېكىن ئۇ بىزنىڭ تەدبىر بەلگىلەيدىغان كىشلىرىمىزدىكى چاكىنىلىق ۋە پۈچەكلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، خەتەرلىك يېرى شۇكى، بۇ چاكىنىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرۇپ قالماستىن، بەلكى جەمىئىيەتتىكى باشقا كىشلەرگىمۇ ئەڭگۈشتەر قىلىپ تېڭىلىدۇ. يورۇقى چىقمايدىغان بۇنداق ئەڭگۈشتەرلەر «يولنىڭ توغۇرلىقىغا قارىماي، پۇتىنىڭ توغرىلىقىغا قارايدىغان» بۇ زاماندا ئادەم باشقۇرۇش خۇمارىغا ئىگە جانابلارنى بەھۇزۇر ياشاش ئىمتىيازىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
چېكىنىش، بۇمۇ بىر تارىخ، بۇنداق تارىخ ئىنسانلار ئۈچۈن ئوت ئېلىپ چۈشكەن پرومىتىدەك ئەزىمەتلەرنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە دەسسەپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمىز ئۈچىيى توم كىشلەرنىڭ ھەممىنى ئونتۇغان ھالدىكى قاقالىغان ئاۋازى، ئولۇغلۇق قانداقتۇر بىر سۈكۈت سۈپىتىدە ئۆز مەنىسىنى ساقلاپ يېتىۋېرىدۇ.
ئېگىپ يېيىش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا ئىلمەك، قىسىپ يېيىش ئىھتىياجى بولمىغان بولسا چوكا ئىجاد بولمىغان بولاتتى.
بىزنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىمىز نېمە؟ بىز نېمىنى ئىجاد قىلدۇق؟ «چاچ، ساقال، بۇرۇت» تەلىماتىنىمۇ؟
تېما يوللانغان ۋاقىت: 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت: 14:00
[ مەزكۇر پۈتۈك باشئەگىم تەرىپىدىن 2009-04-30 14:07 دە تەھرېرلەندى. ]