مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ليۇ جىنگو 20-سېنتەبىر شۇ كۈندىن تارتىپ يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلەرنى توردا ئىزدەيدىغان «توردا تازىلاش ھەرىكىتى» يۈز كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 26-ماي پۈتۈن مەملىكەتتە قېچىپ كەتكەنلەرنى توردا ئىزدەيدىغان توردا تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، بۇ ھەرىكەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. 17-سېنتەبىرگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتتىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەنلەرنى توردا ئىزدەش نىسبىتى %45.8كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خېنەن، لياۋنىڭ، خېبېي، جىلىن، خۇنەن، جياڭسۇ، سەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكىنىڭ قېچىپ كەتكەنلەرنى توردا ئىزدەش نىسبىتى %50تىن ئاشقان. ليۇ جىنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈز كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەسىرلەندۈرۈش ۋە نەسىھەتنى جايىدا قىلىشى؛ سىياسەت ھۇجۇمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئۈندىشى؛ قانۇنچىلىق نازارىتىنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.