لۇشۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

02011-09-26 12:10:10   جۇڭگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     
 
      ئۇلۇغ ئەدىب، مۇتەپەككۇر، ئىنقىلابچى لۇشۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: لۇشۈن جۇڭگو ۋە چەتئەلگە داڭلىق، چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئەۋلاد مەدەنىيەت ئۇستازى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر نامايەندە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا لۇشۈن روھىنى ئۆگىنىش ۋە نۇرلاندۇرۇشتا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، توغرا قىممەت ئىنتىلىشىدە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئىتىدىكى يېڭى مەنزىلنى تىرىشىپ يارىتايلى.