مەركەز تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىلدى

02011-09-26 12:08:07   جۇڭگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 22-سېنتەبىر 212 مىليون يۈەنلىك مەركەز تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىپ، ئاپەت بولغان جايلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن.

     مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 22-سېنتەبىر يېقىنقى مەزگىلدىكى قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىغا نەپىقە پۇلى تارقىتىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، سىچۈەن، شەنشى، خېنەن، چۇڭچىڭ، خۇبېيغا مەركەز تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسىدىن 132 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ھىندىستان سېككىم شىتاتىدىكى 6.8 باللىق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىزاڭدىكى ئاپەت بولغان جايلاردىكى ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى تۇرمۇش تولۇقلىمىسى، ئۆرۈلگەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا سېلىش ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىغا نەپىقە پۇلى تارقىتىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا 80 مىليون يۈەن ئاجراتتى.