يېقىندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 70ئادەم قازا قىلىپ، 32 ئادەم يوقاپ كەتتى

02011-09-23 10:38:42    شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     مۇخبىرنىڭ 20-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېت ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى كۈنلەردە مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۈەن ، شەنشى ، خېنەن ، خۇبېي قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 70 ئادەم قازا قىلىپ ، 32 ئادەم يوقاپ كەتكەن .

   سېنتەبىر كىرگەندىن بۇيان ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمى ۋە سىچۈەن ئويمانلىقىدىن خۇڭخۇينىڭ شىمالى قىسمىغىچە بولغان جايلاردا ئۇدا يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ كەلكۈن ئاپىتى ، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بەردى .

    مەملىكەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 20-سېنتەبىر سائەت 15:00 گىچە ، مەملىكىتىمىزدىكى سەككىز ئۆلكە (بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، 60 شەھەر(ئاپتونوم ئوبلاست)، 287 ناھىيە (شەھەر، رايون ) دىكى 21 مىليون 566 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 26 مىليارد 90 مىليونغا يەتكەن .