جۇڭگو ھۆكۈمىتى سوتسىيالىستىك قىممەت قارشىغا قايتقانلىقىنى جاكارلىدى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا: شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائي سۇغۇرتا كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇمەكمەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى تېزلىتىمىز، دېدى . ئۇ يەنە كىرىم تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ھەققىدە ۋەدە بېرىپ : زىيادە كۆپ كىرىمنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيمىز. ھۆكۈمەت يەنە باھانى تىزگىنلەش ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەشنى قەتئىي ياخشى ئىشلەشنى پىلانلاۋاتىمىز، دېدى.
30 يىللىق كاپىتالىستلىق بازار ئىگىلىكىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دەل مۇشۇ جەرياندا سەل قارىغان ئاۋام خەلقنىڭ ئېھتىياجنى قايتىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىسلاھاتىنى بالدۇرلا باشلاش كېرەك ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى «ئىدارە-ئورگانلار» ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن غەم يەيتتى، داۋالىنىش ۋە پىنسىيە پۇلىنى ئۈستىگە ئالاتتى. ئەمما بۇ پاراۋانلىقلارنى بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە رايون پەرقى بار. شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇدەك دېڭىز بويىدىكى باي شەھەرلەر سانائەتلەشكەن دۆلەت سەۋىيىسىگە يەتكەن بولسىمۇ، بەزى دېھقانلار يەنىلا كۈندە بىر ياۋروغىمۇ يەتمەيدىغان (1 ياۋرو 9.7يۈەنگە تەڭ)كىرىمىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتىدۇ.
سىياسەتنىڭ يادروسى باجنى ئىسلاھ قىلىشتا بولغانلىقتىن، ئايلىق شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش نوقتىسىنى 330ياۋروغا ئۆستۈرگەندىلا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ بېسىمى يىنىكلەيدۇ. بۇ، بۇ يىلقى يىغىننىڭ مۇھىم پىلانىدۇر. ئىقتىسادشۇناس يۈەن گاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىرقانچە يىل ۋە نەچچە ئون يىل يولغا قويغان سىياسەتلەر پۇقرالارغا ئىنتايىن پايدىسىز بولدى. ھازىر پەرقلەرنى كىچىكلىتىدىغان ئەڭ ياخشى پەيىت، چۈنكى ھازىر جۇڭگو باي بولدى.
ھۆكۈمەت ئارقىدا قالغان رايونلارغا تولۇقلىما بېرىپ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. مۇشۇنداق بولغاندا، پىنسىيەگە چىققۇچىلار ۋە دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ پۇل ئالالايدۇ. ئىقتىسادشۇناس يۈەن گاڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. لېكىن، جۇڭگو يېزىلىرىدا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سانائەتنىڭ تۆۋەن، ئەرزان ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىلەنمۇ يەنە بىرنەچچە يىل ئىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. بىراق ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئىشچىلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي نەتىجىلىرىدىن بەكمۇ كۆپ بەرھىمەن بولدۇق، دەپ قارايدىكەن.
ھۆكۈمەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بىر پىرسەنت پوئنىتىنى چىقىرىپ كىرىم تەقسىماتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىشى نىسبىتى ھازىرقى سەككىز پىرسەنتلىك سۈرئەتتە ئەمەس، بەلكى يەتتە پىرسەنتتە ساقلىنىدۇ. لېكىن سانلىق مەلۇماتلار سىموۋۇللۇق ئەھمىيەتنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاساسەن نىشان قىممىتىدىن ئاشتى.
يېڭى سىياسەتتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىر شۇكى، ئەرزان باھالىق تاۋارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى دېڭىز بويىدىكى باي رايونلاردىن نامراترق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلارغا يۆتكىمەكچى بىلۇۋاتىدۇ، يەنى قوش ئۈنۈم قازانماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنىلا نامراتلىقتا تۇرۇۋاتقان دېھقانلارنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ باھا رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت، يىراق رايونلاردىمۇ زامانىۋىلاشقان ئىش ئورنى مەيدانغا كېلىدۇ. دېڭىز بويى رايونلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ زېھنىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا مەركىزىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ياساش كەسپى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇلازىمەت كەسپىي بىلەن پۇل مۇئامىلە كەسپىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا شەكىللىنىپ بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ.