غەربىي سىبىرىيە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شەرقتىن جەنۇبقا يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىدە، 8 - ئۆكتەبىر كېچىدىن 11 - ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىدىن شەرقىغىچە بولغان رايونلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ھۆل - يېغىن ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
8 - ئۆكتەبىردىن 10 - ئۆكتەبىرگىچە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى غەربتىن شەرققىچە بولغان رايونلاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھۆل - يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلاردا قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ھەۋزىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلار، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شىۋىرغان چىقىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بوران ئېغىزىدا شامال كۈچى سەككىز - توققۇز بالغا يېتىدىكەن، قاغىتۇر، يۈز چاقىرىملىق شامال ئېغىزىدا 10 - 11 بال بوران چىقىدىكەن. 9 - ئۆكتەبىر كېچىدىن 11 - ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا بەش - ئالتە بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ئۇچىدىكەن ياكى قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئالتە سېلسىيە گىرادۇستىن ئون سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇلنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. 10 - ئۆكتەبىردىن 12 - ئۆكتەبىرگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
كورىيەلىكلەر ئامرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ چېچىنى چۈشۈرۋەت...
دانىيەدىكى كونا ھەربىي لاگېردا پارتىلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەن...
ۋاشىنگىتوندىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى مەيدانىدا توقۇنۇ...
كېنىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن دۆلەت دەپنىس...
80 ياشقا كىرگەن شىۋىتسىيىلىك شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى...
ئامېرىكىدا بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ پارتلاپ كەتت...